ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىلى

دوستۇڭ قاغا بولسا، يېيىشىڭ پوق.

Latin · ULY
Dostung qagha bolsa, yéyishing poq.
Кирил · USY
Достуң қаға болса, йейишиң поқ.

مۇناسىۋەتلىك ماقاللار

  1. 1ياخشى بىلەن دوست بولساڭ، يېتەرسەن مۇرادقا، يامان ئادەم بىلەن دوست بولساڭ، قالارسەن ئۇياتقا.
  2. 2ئۈلپىنىڭ قاغا بولسا، يېيىشىڭ پوق.
  3. 3ياخشى بولساڭ دوستۇڭ كۆپ، يامان بولساڭ غەيۋەت كۆپ.
  4. 4دوستۇڭ يامان بولسا قېچىپ قۇتۇلارسەن، خوتۇنۇڭ يامان بولسا قانداق قۇتۇلارسەن؟
  5. 5ئېيىق بولسىمۇ ئېرىم بولسۇن، ئۆڭكۈر بولسىمۇ ئۆيۈم.
  6. 6بالا بولسا شوخ بولسا، بولمىسا يوق بولسا.
  7. 7يامان ئات ئىگىسنى يەرگە ئاتار، يامان دوست دوستىنى دۈشمەنگە ساتار.
  8. 8ئىككى قاغا پوق تالاشسا، ئوۋچىغا پايدا.

مەنبە: ئۇيغۇر قامۇسى — ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىللىرى · خاتالىق ياكى باشقا ۋارىيانتىنى ئەۋەتىش