ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىلى

دوست چىللىسا قالما، دۈشمەن چىللىسا بارما.

Latin · ULY
Dost chillisa qalma, düshmen chillisa barma.
Кирил · USY
Дост чиллиса қалма, дүшмән чиллиса барма.

مۇناسىۋەتلىك ماقاللار

  1. 1پۇل دۈشمەننى دوست قىلار، دوستنى دۈشمەن.
  2. 2يامان ئات ئىگىسنى يەرگە ئاتار، يامان دوست دوستىنى دۈشمەنگە ساتار.
  3. 3دوست ئاغرىتىپ ئېيتار، دۈشمەن كۈلدۈرۈپ.
  4. 4ساختا دوست، ئاشكارا دۈشمەندىن يامان.
  5. 5دوستقا دوست كېرەك، ھېساپقا دۇرۇس كېرەك.
  6. 6ھۈنەرلىك ئەر خار بولماس، دوست-دۈشمەنگە رازى بولماس.
  7. 7دۈشمەن قەستلەر، دوست قۇتۇلدۇرار.
  8. 8پۇل بار چاغدا مىڭ دوست، پۇل تۈگىگەندە قېنى دوست.

مەنبە: ئۇيغۇر قامۇسى — ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىللىرى · خاتالىق ياكى باشقا ۋارىيانتىنى ئەۋەتىش