ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىلى

دوستنىڭ دوستلۇقى، باشقا كۈن چۈشكەندە بىلىنەر.

Latin · ULY
Dostning dostluqi, bashqa kün chüshkende biliner.
Кирил · USY
Достниң достлуқи, башқа күн чүшкәндә билинәр.

مۇناسىۋەتلىك ماقاللار

  1. 1يامان ئات ئىگىسنى يەرگە ئاتار، يامان دوست دوستىنى دۈشمەنگە ساتار.
  2. 2دوستقا دوست كېرەك، ھېساپقا دۇرۇس كېرەك.
  3. 3پۇل بار چاغدا مىڭ دوست، پۇل تۈگىگەندە قېنى دوست.
  4. 4ياخشى بىلەن دوست بولساڭ، يېتەرسەن مۇرادقا، يامان ئادەم بىلەن دوست بولساڭ، قالارسەن ئۇياتقا.
  5. 5پۇل دۈشمەننى دوست قىلار، دوستنى دۈشمەن.
  6. 6ئەيىبسىز دوست ئىزدىگەن، دوستسىز قالار.
  7. 7جان دوستۇڭ جېنىدىن كېچەر، مال دوستۇڭ مېلىدىن كەچمەس.
  8. 8كالىنىڭ گۆشى بىر كۈن، سۈتى ھەر كۈن.

مەنبە: ئۇيغۇر قامۇسى — ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىللىرى · خاتالىق ياكى باشقا ۋارىيانتىنى ئەۋەتىش