ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىلى

دانا كىشى ئاز سۆزلەپ، كۆپ ئاڭلار.

Latin · ULY
Dana kishi az sözlep, köp anglar.
Кирил · USY
Дана киши аз сөзләп, көп аңлар.

مۇناسىۋەتلىك ماقاللار

  1. 1ئاز سۆزلەپ كۆپ ئاڭلا، ئاز يەپ كۆپ چاينا.
  2. 2كۆپ سۆزلىگەن تۇتۇلار، ئاز سۆزلىگەن قۇتۇلار.
  3. 3كىشىنىڭ ياخشىلىقىنى كىشىگە دە، ئۆزىگە دېمە؛ كىشىنىڭ كەمچىلىكىنى ئۆزىگە دە، كىشىگە دېمە.
  4. 4كۆپ قېرىنىڭ ئىچىدىكى بالا دانا بولار، كۆپ بالا ئىچىدىكى قېرى بالا بولار.
  5. 5كۆپ ئويلا، ئاز سۆزلە.
  6. 6كىشىنىڭ ئەيىبىنى ماڭا دېگەن كىشى ، مېنىىڭ ئەيىبىمنى كىشىگە دەر.
  7. 7سۆزلىگەن ئەخمەق بولسىمۇ، ئاڭلىغان ئەقىللىق بولسۇن.
  8. 8ئويناپ سۆزلىسەڭمۇ، ئويلاپ سۆزلە.

مەنبە: ئۇيغۇر قامۇسى — ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىللىرى · خاتالىق ياكى باشقا ۋارىيانتىنى ئەۋەتىش