ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىلى

دوستۇڭ يامان بولسا قېچىپ قۇتۇلارسەن، خوتۇنۇڭ يامان بولسا قانداق قۇتۇلارسەن؟

Latin · ULY
Dostung yaman bolsa qéchip qutularsen, xotunung yaman bolsa qandaq qutularsen?
Кирил · USY
Достуң яман болса қечип қутуларсән, хотунуң яман болса қандақ қутуларсән?

مۇناسىۋەتلىك ماقاللار

  1. 1ياخشى بىلەن دوست بولساڭ، يېتەرسەن مۇرادقا، يامان ئادەم بىلەن دوست بولساڭ، قالارسەن ئۇياتقا.
  2. 2يامان ئات ئىگىسنى يەرگە ئاتار، يامان دوست دوستىنى دۈشمەنگە ساتار.
  3. 3كۈيئوغۇلۇڭ يامان بولسا قىزىڭدىن كۆر، كېلىنىڭ يامان بولسا ئوغلۇڭدىن.
  4. 4ياخشى بولساڭ دوستۇڭ كۆپ، يامان بولساڭ غەيۋەت كۆپ.
  5. 5ياخشى بولسا ئۆزۈڭگە بالا، يامان بولسا بېشىڭغا.
  6. 6دوستتىن يامانلىغان ئەقىلنىڭ يوقلۇقى، تاماقتىن يامانلىغان قورساقنىڭ توقلۇقى.
  7. 7ياخشى خوتۇن ئەرنى ئەر قىلار، يامان خوتۇن ياخشى ئەرنى يەر قىلار.
  8. 8بالا بولسا شوخ بولسا، بولمىسا يوق بولسا.

مەنبە: ئۇيغۇر قامۇسى — ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىللىرى · خاتالىق ياكى باشقا ۋارىيانتىنى ئەۋەتىش