ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىلى

خەقنىڭ ئىشىغا تومۇزدىمۇ قول توڭلايدۇ.

Latin · ULY
Xeqning ishigha tomuzdimu qol tonglaydu.
Кирил · USY
Хәқниң ишиға томуздиму қол тоңлайду.

مۇناسىۋەتلىك ماقاللار

  1. 1كىشىنىڭ ئىشىغا تومۇزدا قول توڭلار.
  2. 2ئالدى ئىشىكتىن يىڭنە پاتمايدۇ، ئارقا ئىشىكتىن ھارۋا قاتنايدۇ.
  3. 3سېخىينىڭ ئىشىكى ئېچىلىپ تۇرار، بىخىلنىڭ ئىشىكى يېپىلىپ.
  4. 4ياخشىلىققا ياخشىلىق ھەر كىشىنىڭ ئىشى، يامانلىققا ياخشىلىق ئەر كىشىنىڭ ئىشى.
  5. 5ئىشى تېزنىڭ ئىشى تېز.
  6. 6قول قولنى يۇسا، قول كېلىپ يۈزنى يۇيار.
  7. 7كۆز قورققاق، قول باتۇر.
  8. 8ئىشى يوق ئىت سۇغىرار.

مەنبە: ئۇيغۇر قامۇسى — ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىللىرى · خاتالىق ياكى باشقا ۋارىيانتىنى ئەۋەتىش