ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىللىرى

2,501 ماقال · ئېلىپبە، تېما ۋە مەنا بويىچە ئىزدەش

تاسادىپىي
بۈگۈنكى ماقالقولۇڭدىن كەلسە، ئەلدىن ئايىما.

تېما بويىچە

«ق» ھەرپى

248 ماقال

  1. 121قوناقلىققا چالما ئاتسام، كېۋەزلىك شالدىرلاپ كەتتى.
  2. 122قوناقنى دۆڭگە تېرى، بېدىنى ئويغا.
  3. 123قونغۇچە مېھمان ئۇيىلار، قونغاندىن كېيىن ئۆي ئىگىسى.
  4. 124قوي بولسا قوزىسى بولار.
  5. 125قوي بولۇپ مىڭ يىل ياشىغاندىن، يولۋاس بولۇپ بىر كۈن ياشا.
  6. 126قوينى قاسساپ سويسۇن.
  7. 127قوينى قوتاندا سات، ئاشنى باداڭدا.
  8. 128قوينۇم ئوغرى، قونجۇم ئوغرى.
  9. 129قوينۇڭدىن تۆكۈلسە، قونجۇڭغا چۈشەر.
  10. 130قويچى كېچىك ئىزدىگۈچە، تۆگىچى سۇدىن ئۆتۈپ بوپتۇ.
  11. 131قىردا بار، قىرلاشتا يوق.
  12. 132قىرسىز يەر ئەسكى، پۇلسىز ئەر ئەسكى.
  13. 133قىرىق كىشى بىر ياق، قىڭغىر بىر ياق.
  14. 134قىرىق يىلدا باي بىلەن كەمبەغەل تەڭشىلىدۇ.
  15. 135قىرىق يىلدا بىر ئېشەك ئويونى.
  16. 136قىرىققا چىدىغان، قىرىق بىرگىمۇ چىدايدۇ.
  17. 137قىز بالا ئۆينىڭ گۈلى.
  18. 138قىز بالا ئەردە ياخشى، بولمىسا يەردە ياخشى.
  19. 139قىز تەرەپتىن خەۋەر يوق، ئوغۇل تەرەپ دۇمباق چاپتۇ.
  20. 140قىز چوڭ بولسا كۆز تولا، ئوغۇل چوڭ بولسا سۆز.
  21. 141قىز ۋاقتىم سۇلتان ۋاقتىم، خوتۇن ۋاقتىم شەيتان ۋاقتىم.
  22. 142قىزدا گۇناھ يوق، ئانىسى بۇزۇق؛ چاقتا گۇناھ يوق، تانىسى بۇزۇق.
  23. 143قىزدىن ئاتۇق جۇۋان بار، ئاتتىن ئارتۇق غۇنان بار.
  24. 144قىزلىق ئۆيگە قىرىق ئات باغلىنار.
  25. 145قىزنىڭ كۆزى ئوسمىدا،تازنىڭ كۆزى پوسمىدا.
  26. 146قىزنىڭ كۆزى قىزىلدا.
  27. 147قىزنىڭ ياخشىسى كېلىن بولغاندا بىلىنەر.
  28. 148قىزى رازى بولسا، ئاتا-ئانىسىدىن سورىما.
  29. 149قىزى يارىسا ئانىسىغا قارىما، ئېشى يارىسا قاچىسىغا.
  30. 150قىزىق ئوچاققا تۇتۇرۇق لازىم ئەمەس.
  31. 151قىزىل ئالما سارغايماس.
  32. 152قىزىلگۈلنىڭ تىكىنى بار، چىرايلىقنىڭ سەپكۈنى.
  33. 153قىزىم ساڭا ئېيتاي، كېلىنىم سەن ئاڭلا.
  34. 154قىزىڭ ئاشىق بولسا يەرگە باق.
  35. 155قىزىڭنى ئالغۇچە قىرىڭدىن ئۆتەي، ئالغاندىن كېيىن جېنىڭدىن ئۆتەي.
  36. 156قىش ئوچىقى تار، قوپ ئۆيۈڭگە بار.
  37. 157قىش غېمىنى يازدا يە، ياز غېمىنى قىشتا.
  38. 158قىشتا ئوچاق ئۆزىگە تارتار.
  39. 159قىشنىڭ ئاپتىپى دۈشمەننىڭ كۈلكىسىچىلىك.
  40. 160قىشنىڭ راھىتى ئوتۇن، ئەرنىڭ راھىتى خوتۇن.
  41. 161قىشنىڭ سوغۇقى ياندىن ئۆتەر.
  42. 162قىغسىز يەر-پۇلسىز ئەر.
  43. 163قىلدەك ھوقۇقنىڭ پىلدەك كۈچى بار.
  44. 164قىلغان ئىشىڭ پىلانسىز، ئاتقان ئوقۇڭ نىشانسىز.
  45. 165قىلىچ قىنىدا ياتسا دات باسىدۇ.
  46. 166قىلىچنىڭ كۈچىدىن قەلەمنىڭ كۈچى ئارتۇق.
  47. 167قىلچ ئۆز قىنىنى كەسمەس.
  48. 168قىممەتچىلىك بولسا، ساتقۇچىدا ئىنساپ يوق؛ ئەرزانچىلىق بولسا، ئالغۇچىدا ئىنساپ يوق.
  49. 169قىمىرلىغان قىر ئاشار.
  50. 170قىيىن ئىش يوق ئالەمدە، كۆڭۈل قويغان ئادەمگە.
  51. 171قىيىن ئىشنىڭ بېشىغا، باتۇر كېلەر قېشىغا.
  52. 172قىيىنچىلىق قورقۇنچاقنىڭ يۈكى، باتۇر ئۈچۈن توخۇ تۈكى.
  53. 173قىڭغىر ئولتۇرساڭمۇ تۈز سۆزلە.
  54. 174قىڭغىر ئىش قىرىق يىلدىن كېيىنمۇ بىلىنەر.
  55. 175قۇدۇق قەدرى چۆلدە بىلىنەر.
  56. 176قۇدۇق چوڭقۇر، ئارغامچا قىسقا.
  57. 177قۇرت ياغاچنى ئىچىدىن يەر.
  58. 178قۇرساق ئاچقاندا خام كۆمەچمۇ تاتلىق.
  59. 179قۇرۇق تاغار ئۆرە تۇرالمايدۇ.
  60. 180قۇرۇق دۇئاغا پىتمۇ ئۆلمەپتۇ.
«ق» ھەرپى بىلەن باشلانغان ماقال-تەمسىللەر | ئۇيغۇر ھېكمەتلىرى