ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىللىرى
2,501 ماقال · ئېلىپبە، تېما ۋە مەنا بويىچە ئىزدەش
تېما بويىچە
ھايۋانلار368ئائىلە265تىل ۋە سۆز184ياخشىلىق ۋە يامانلىق165بايلىق ۋە نامراتلىق164مېھماندوستلۇق ۋە داستىخان120ئەمگەك ۋە ھۈنەر116ھايات ۋە ئۆلۈم115بىلىم ۋە ئەقىل100دوست ۋە دۈشمەن85راستچىللىق ۋە ئادالەت75جاسارەت59ياشلىق ۋە قېرىلىق52قانائەت ۋە ئاچكۆزلۈك51ۋەتەن ۋە ئەل37سالامەتلىك26ئۇيات ۋە ئابروي26سەۋر-تاقەت14ئىتتىپاقلىق ۋە مەسلىھەت12كەمتەرلىك ۋە غۇرۇر5
«ب» ھەرپى
235 ماقال
- 61بالىلار چوڭ بولۇشنى ئويلىىسا، چوڭلار ياشىرىشنى ئويلايدۇ.
- 62بالىلىق قاغىغا يەم تەگمەس.
- 63بالىلىقنىڭ كۆڭلى ياش، بالىسىزنىڭ كۆڭلى تاش.
- 64بالىنى ئىشقا بۇيرۇ، كەينىدىن ئۆزۈڭ يۈگۈر.
- 65بالىنى بۇزغۇڭ كەلسە ماختا.
- 66باي بالىسى ئون بەشكە كىرسە باش، كەمبەغەل بالىسى ئوتتۇزغا كىرسىمۇ ياش.
- 67باي بايغا قارار، سۇ سايغا ئاقار.
- 68باي بولسا بۆلۈپ بەرمەس، گاداي بولسا ئۆلۈپ.
- 69باي بىلەن داۋالاشما، باتۇر بىلەن چېلىشما.
- 70باي تالقان يېگەندە يامغۇر ياغار، كەمبەغەل تالقان يېگەندە بوراق چىقار.
- 71باي تولا يېسە، خوردان دەيدۇ، نامرات تولا يېسە، ئوپقان دەيدۇ.
- 72باي قەيەردە بولسا، ۋاي شۇ يەردە.
- 73باي كىيسە مۇبارەك بولسۇن! كەمبەغەل كىيسە نەدىن ئالدىڭ؟
- 74باي مېلىنى سۆزلەر، گاداي مۇڭىنى.
- 75باي گۆش يېسە، قارنىغا كىرەر، كەمبەغەل گۆش يېسە چىشىغا.
- 76بايدىن ئەمەلدار چىقسا، كەمبەغەلدىن دانا چىقار.
- 77باينى مال باسىدۇ، كەمبەغەلنى بالا.
- 78باينىڭ ئېشىدىن كەمبەغەلنىڭ مۇشتى ياخشى.
- 79باينىڭ مېلى كەمبەغەلنىڭ كۆز يېشى.
- 80باينىڭ ياتقۇسى كەلمەس، يالاڭ تۆگىنىڭ قوپقۇسى .
- 81بوراننىڭ گۈكىرىشىگە تاغ تەۋرىمەس.
- 82بوزەكنى بوزەك ئەتسەڭ، ئۇۋالىغا قالىسەن.
- 83بوش تاغار ئۆرە تۇرمايدۇ.
- 84بوغۇمسىز يەرگە پىچاق سالما.
- 85بولسا بولار، بولمىسا ئىز پۇلى.
- 86بولسا ھەرنېمە ئوخشايدۇ.
- 87بولىدىغان ئاش كۆكىدىن مەلۇم.
- 88بولۇمسىزنى بولدۇرالمىدىم، خۇرجۇن قاچىسىنى تولدۇرالمىدىم.
- 89بوي ئىشلىمەي، قول ئىشلەر.
- 90بوي يەتمىگەن شاپتۇل ئاچچىق.
- 91بوينى ئۇزۇندىن سورىساڭ، تۆگىدىن سورا، ساقىلى ئۇزۇندىن سورىساڭ، ئۆچكىدىن.
- 92بوينىدا ئىللىتى بارنىڭ، ئايىغى سىرقىرار.
- 93بوينىنى ئېگەلمىسەڭ قولىنى سۆي.
- 94بوينىنى باغلىغان ئىت ئوۋغا يارىماس.
- 95بويۇمغا بويى ماس كەلدى، مىجەزىمىز تەس كەلدى.
- 96بويۇڭ يەتمىگەن يەرگە ئېسىلما.
- 97بوۋاق دادىنى ئۈچ كۈندە تونۇيدۇ، ئانىنى قىرىق كۈندە.
- 98بىتەلەي تالقان يېسە، قارنىدىن بوران چىقىپتۇ.
- 99بىر ئاتا ئون بالىنى باقار، ئون بالا بىر ئاتىنى باقالماس.
- 100بىر ئادەمگە ئامەت كەلسە، ئۇنىڭ ئىت-مۈشۈكلىرىمۇ ئەتلىنىپتۇ.
- 101بىر ئارزۇ ئون ئارزۇنى تۇغىدۇ.
- 102بىر ئانىدىن ئارغامچا-توقۇناقتىن باشقىسى چۈشەر.
- 103بىر ئىت قاۋىسا، ھەممە ئىت تەڭ قاۋاپتۇ.
- 104بىر ئېغىزدىن چىققان سۆز، مىڭ ئېغىزغا يېيىلار.
- 105بىر خار بولغان، نبىر ئەزىز بولماي قالماس.
- 106بىر خوتۇننىڭ ھىيلىسى، قىرىق ئەرنىڭ ھىيلىسىدىن ئارتۇق.
- 107بىر خىل تۇرساڭ، يۈز يىل ئۆمۈر كۆرىسەن.
- 108بىر خۇشاللىقنىڭ بىر يىغىسى بار.
- 109بىر ساپ ئۈزۈم قىرىق كىشىگە يېتەر.
- 110بىر سۆز بىلەن ئەر ئۆلمەس.
- 111بىر سۆزلىشىپ مۇڭداش دېمە، بىللە مېڭىپ يولداش.
- 112بىر سەر ئالتۇنۇڭ بولغۇچە، بىر مىسقال ئەقلىڭ بولسۇن.
- 113بىر شاتراق موزاي پادىنى بۇلغار.
- 114بىر شاختا گۈلمۇ بولىدۇ، تىكەنمۇ بولىدۇ.
- 115بىر كىشى ياققان ئوت، يۈ كىشىنى ئىسسىتار.
- 116بىر كۆرگەن تونۇش، ئىككى كۆرگەن دوست.
- 117بىر كۈن بۇرۇن تېرىساڭ، ئون كۈن بۇرۇن يىغىسەن.
- 118بىر كۈنلۈك يولداشقا، قىرىق كۈن سالام.
- 119بىر مۈدۈرگەن ئون مۈدۈرەر.
- 120بىر مەستتىن قورق، بىر مۆرىمەستىن.