مۇناسىۋەتلىك ماقاللار
- 1ئاتاڭنىڭ بالىسى بولغۇچە، ئەلنىڭ بالىسى بول.
- 2ئاتا-ئاناڭنى بېشىڭدا كۆتۈر، بالىلىرىڭنى قولۇڭدا.
- 3ئاتامنىڭ ئۆلگىنى ئانامغا ياراشتى، چەلپىكىنى ئىتلار تالاشتى.
- 4ئاچلىقتىن ئۆلسەڭمۇ، ئاتا-ئاناڭنى تاشلىما.
- 5ئۆز ئاناڭ كەلمەيدۇ، ئۆگەي ئاناڭ ئۆلمەيدۇ.
- 6ئاتا ئۆلمەي ئاتا قەدرىنى بىلمەس.
- 7ئاتا بولمىغان ئاتا قەدرىنى بىلمەس.
- 8ئاتامنىڭ تاپقىنى ئانامنىڭ بارىكاللىسىغا يەتمەيدۇ.
مەنبە: ئۇيغۇر قامۇسى — ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىللىرى · خاتالىق ياكى باشقا ۋارىيانتىنى ئەۋەتىش