ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىللىرى

2,501 ماقال · ئېلىپبە، تېما ۋە مەنا بويىچە ئىزدەش

تاسادىپىي
بۈگۈنكى ماقالقولۇڭدىن كەلسە، ئەلدىن ئايىما.

تېما بويىچە

ھايۋانلار

368 ماقال

  1. 181تام تېشىپ تېرىق ئاپتۇ، مۇز تېشىپ بېلىق.
  2. 182تاي ئات بولغۇچە، ئەر مات بوپتۇ.
  3. 183تاي تىپىرلايدۇ، ھارۋىنى ئات تارتىدۇ.
  4. 184تاينى باقساڭ ئات بولۇر، بۆرىنى باقساڭ يات.
  5. 185تاپقىنى قوي ئۆلتۈرەر، تاپمىغىننى چۈجە-خوراز.
  6. 186توخۇ بۈركۈت بولالماس.
  7. 187توخۇ داڭگال چۈشەپتۇ، ئۆچكە جاڭگال.
  8. 188توخۇ داڭگال چۈشەپتۇ، ئۆچكە داڭگال.
  9. 189توخۇ چىللىمىسىمۇ تاڭ ئاتىدۇ.
  10. 190توخۇنى ئوغۇرلىغانمۇ ئوغرى، تۇخۇمنى يېگەنمۇ ئوغرى.
  11. 191توخۇنى ئۆلتۈرمىگۈچە، يولۋاسنى قورقۇتقىلى بولماس.
  12. 192توخۇنى كۆلچەككە ھەيدەپتۇ، ئۆردەكنى قونداققا.
  13. 193توزاقتىن قورۇققان قۇش، ئاچا ياغاچقا قونماس.
  14. 194توشقان ئۆلسە، تۈلكە ھازا تۇتۇپتۇ.
  15. 195توشقاندەك يۈز يىل ياشىغۇچە، يولۋاستەك بىر يىل ياشغان ئەلا.
  16. 196توكۇر ئاتقا تۆمۈر تاقا، ئەسكى چاپانغا سۆسەر ياقا.
  17. 197توكۇرنى ياردا تۇت، توشقاننى قاردا.
  18. 198تولا سايرىغان بۇلبۇل قەپەسكە چۈشەر.
  19. 199توۋا قىلغانغا تۆگە بەر.
  20. 200تۆگىمۇ تۆگە، مايىقىمۇ تۆگە.
  21. 201تۆگە ئۇسسۇلغا چۈشسە، يەتتە تاختا زەدەكنى بۇزار.
  22. 202تۆگە ئېتىز بۇزسا ھېچ گەپ يوق، توخۇ پالاقلىسا ۋاراڭ-چۇرۇڭ.
  23. 203تۆگە سىلكىنسە ئون ئېشەككە يۈك چىقار.
  24. 204تۆگە قانچە بولسا، يېغىر شۇنچە بولىدۇ.
  25. 205تۆگە مىنىپ تۆگە ئىزدەپتۇ.
  26. 206تۇتسا سېپى يوق، قىچقارسا ئېتى.
  27. 207تۇرقى ئىنسان، خۇلقى ھايۋان.
  28. 208تۈتۈننى بۇلۇت كۆرمەس، يۇندىسىنى ئىت.
  29. 209تۈگمەندە تۇغۇلغان چاشقان، گۈلدۈرمامىدىن قورقماپتۇ.
  30. 210تېرىقمۇ تېرىمايمەن، قۇشقاچمۇ قورۇمايمەن.
  31. 211تەييار گۆشنى يېگەن يولۋاس ئەمەس.
  32. 212جاڭگالدا ھاڭرىغان ئېشەك، شەھەردە ھاڭرىيالماپتۇ.
  33. 213جىم ياتقان يىلاننى قوزغىما.
  34. 214خوتۇن ئالساڭ يىراقتىن ئال، ئېشەك ئالساڭ يېقىندىن.
  35. 215خوتۇن قانىتى ئەر، ئەر قانىتى ئات.
  36. 216خورازنىڭ تاجىسى بولغۇچە، تۆگىنىڭ قۇيرىقى بول.
  37. 217خۇيىنى بىلمىگەن ئاتقا يېقىن بارما.
  38. 218دوستۇڭ قاغا بولسا، يېيىشىڭ پوق.
  39. 219دۆلەت قۇشى قونسا چىۋىن بېشىغا، سۇمۇرغ كېلەر ئۇنىڭ قېشىغا.
  40. 220دۇنيانى سۇ باسسا، ئۆردەكنىڭ نېمە غېمى.
  41. 221دۈمبىسى قىچىشقان ئېشەك تۈگمەنگە كېلەر.
  42. 222دەردى يوق ئېشەك، ئىشقى يوق كېسەك.
  43. 223دەريا تېشىپ كەتسە، ئۆردەكنىڭ نېمە ئىشى.
  44. 224دەريادىكى بېلىقىنىڭ باھاسى يوق.
  45. 225راستنى كۆرسە يالغان قاچىدۇ، يولۋاسنى كۆرسە تايغان.
  46. 226رەھمى يوق ئادەمدىن، رەھمى بار ئىت ياخشى.
  47. 227زامانەڭ تۈلكە بولسا، سەن ئۇنىڭ تايغىنى بول.
  48. 228زىمىستان كۆرمىگەن بۇلبۇل، باھارنىڭ قەدرىنى بىلمەس.
  49. 229زھەرلىك يىلاننىڭ قاسىرىقى ئالا.
  50. 230سوقۇشقاق خوراز سەمىرمەس.
  51. 231سوقۇشۇشتا قورققان خوراز، چىللاشتىن قالىدۇ.
  52. 232سىنالمىغان ئاتقا يۈك ئارتما.
  53. 233سەن بالا، مەن سالا، ئاتقا بوغۇزنى كىم سالا.
  54. 234سەن بۆرىنى ئايىساڭ، بۆرە سېنى تالايدۇ.
  55. 235شاخىنىچى كالا خاماننى بۇلغايدۇ.
  56. 236شىرنى يەڭگەن باتۇر ئەمەس، ئاچچىقنى يەڭگەن باتۇر.
  57. 237قارا ئېشەكنىڭ تېزىكى ئىششىققا داۋا.
  58. 238قارا توخۇمۇ ئاق تۇخۇم تۇغىدۇ.
  59. 239قارىغۇ مۈشۈككە ئۆلۈك چاشقان ئۇچراپتۇ.
  60. 240قاشا مەھكەم بولسا، تۈلكە كىرەلمەس.
ھايۋانلار ھەققىدە ماقال-تەمسىللەر | ئۇيغۇر ھېكمەتلىرى