ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىللىرى

2,501 ماقال · ئېلىپبە، تېما ۋە مەنا بويىچە ئىزدەش

تاسادىپىي
بۈگۈنكى ماقالقولۇڭدىن كەلسە، ئەلدىن ئايىما.

تېما بويىچە

ئائىلە

265 ماقال

  1. 121بالا-قازا كۆرنۈپ كەلمەس، پۇت-قولىنى ساڭگىلىتىپ.
  2. 122بالا-قازا كەلسە، قوشلاپ كېلەر.
  3. 123بالا-قىلغان ئىش چالا.
  4. 124بالا،بالا بولغۇچە، ئانىسى موما بولار.
  5. 125بالاڭ ئۆلسە ئەرگە باق، ئېرىڭ ئۆلسە يەرگە.
  6. 126بالىدىن نەۋرە تاتلىق، جىگدىدىن گۈلە.
  7. 127باينى مال باسىدۇ، كەمبەغەلنى بالا.
  8. 128بىر ئاتا ئون بالىنى باقار، ئون بالا بىر ئاتىنى باقالماس.
  9. 129بىر خوتۇننىڭ ھىيلىسى، قىرىق ئەرنىڭ ھىيلىسىدىن ئارتۇق.
  10. 130بىر سۆز بىلەن ئەر ئۆلمەس.
  11. 131بىر ياخشىلىق مىڭ بالادىن قۇتقۇزار.
  12. 132بىشەم خوتۇن بەش كۈنلۈك، بېزەڭ يولداش بىر كۈنلۈك.
  13. 133بەختىسز قىز تېزەك تەرگىلى چىقسا، كالىلار سۇغا تېزەكلەپتۇ.
  14. 134بەرمەس قىزنىڭ تويلۇقى ئېغىر.
  15. 135بەل باغلىغان بىلەن ئەر ئەمەس، چاچ تارىغان بىلەن خوتۇن.
  16. 136تاتلىق تىل يىلاننى ئىنىدىن چىقىرىدۇ.
  17. 137تازنى ئەر بولمايدۇ دېمە، سازى يەر.
  18. 138تازنىڭ كۆزى چاچتا، قىزنىڭ كۆزنىڭ كۆزى قاشتا.
  19. 139تاي ئات بولغۇچە، ئەر مات بوپتۇ.
  20. 140توققۇز قىزنىڭ تولغىقى تەڭ تۇتۇپتۇ.
  21. 141توقۇناق بالا، ئىلمەك قازا.
  22. 142تىرىلغانغا يەر قېرىماس، ئىشلىگەنگە ئەر.
  23. 143تۇغقان يىراق بولسا كىشنىشىدۇ، يېقىن بولسا چىشلىشىدۇ.
  24. 144تۇغقاندىن يامانلىغان ئەقىلنىڭ يوقلۇقى، تاماقتىن يامانلىغان قورساقنىڭ توقلۇقى.
  25. 145تۇغقاننىڭ بارى ياخشى، بۈگۈن قىچقارسا ئەتە«ھە»دېسىمۇ ياخشى.
  26. 146تۇغماس خوتۇن شۈمەك يىغىپتۇ.
  27. 147تۇل خوتۇننىڭ چۈشىگە ئەر كىرىدۇ، باينىڭ چۈشىگە يەر.
  28. 148تېجەشلىك ئادەم قېيىن ئۆتكەلدىن ئاسان ئۆتەر.
  29. 149تېرىق قۇلىقىدىن، بالا كىچىكىدىن.
  30. 150تەلەيلىكنىڭ خوتۇنى ئۆلەر، تەلەيسىزنىڭ ئۆيى كۆيەر.
  31. 151تەييارلىق بار يەردە بالا-قازا يوق.
  32. 152جىرتاق خوتۇنغا چاپاق ئەر.
  33. 153جېدەل نەدىن كېلەر تالاشتىن، بالا نەدىن كېلەر قاياشتىن.
  34. 154خاننىڭ قىزى چۆمۈچ تۇتسا، قولى قاپىرىپتۇ.
  35. 155خوتۇن ئالساڭ يىراقتىن ئال، ئېشەك ئالساڭ يېقىندىن.
  36. 156خوتۇن بىشەم بولسا، سەب بىغەم بول.
  37. 157خوتۇن تاللىغان خوتۇنسىز قالار، ئوتۇن تاللىغان ئوتۇنسىز.
  38. 158خوتۇن خەقنىڭ چېچى ئۇزۇن، ئەقلى قىسقا.
  39. 159خوتۇن قالسا ئەر تاپار، ئەر قالسا مال.
  40. 160خوتۇن قانىتى ئەر، ئەر قانىتى ئات.
  41. 161خوتۇن كىشى تىلى بىلەن تۇل بولار.
  42. 162خوتۇن كىشى لاپ بىلەن يۈرەر، ئۇستىرا كاپ بىلەن.
  43. 163خوتۇن كىشىنىڭ تۇللۇقىدىن، ئەر كىشىنىڭ بويتاقلىقى يامان.
  44. 164خوتۇن كىشىنىڭ جېنى قىرىق بىر.
  45. 165خوتۇن كۈنلىسە ئۆي بۇزۇلار، ئەر كۈنلىسە ئۆي تۈزىلەر.
  46. 166خوتۇنسىز ئەر قىرسىز يەر.
  47. 167خوتۇنغ ئامراق بالىغا ئۆچ، قايماققا ئامراق كالىغا ئۆچ.
  48. 168خوتۇنغا ئىشەنمە، قومۇشقا يۆلەنمە.
  49. 169خوتۇننىڭ ئوبدىنى ئېرىنى بارقار، دېھقاننىڭ ئوبدىنى يېرىنى.
  50. 170خوتۇننىڭ تۇغقىنى كەلسە كۈندە گۈرۈچ، ئەرنىڭ تۇغقىنى كەلسە كۈندە ئۇرۇش.
  51. 171خوتۇنۇم ئۆلدى، قامچام سۇندى.
  52. 172خوتۇنۇڭ ئەقىللىق بولسا، كۆڭلۈڭ يورۇق بولار.
  53. 173خوتۇنۇڭنىڭ قانداقلىقىنى بىلەي دېسەڭ، قوشناڭ بىلەن ئۇرۇشقاندا قاراپ تۇر.
  54. 174خۇيلۇق قىز ئۆي تۇتالمايدۇ.
  55. 175دادامغا يوق پۇرچاق ئانامغا نەدە.
  56. 176دوستۇڭ يامان بولسا قېچىپ قۇتۇلارسەن، خوتۇنۇڭ يامان بولسا قانداق قۇتۇلارسەن؟
  57. 177دۆلەت ئەرنى يىقىتار، شامال يەرنى قۇرۇتار.
  58. 178زىغىر تېرىغان يەر، كېزىك بولغان ئەر.
  59. 179سامان ئوتۇن بولماس، جالاپ خوتۇن بولماس.
  60. 180سودىگەرنىڭ جېنى پۇل، خوتۇن تۇل.
ئائىلە ھەققىدە ماقال-تەمسىللەر | ئۇيغۇر ھېكمەتلىرى