ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىلى

خوتۇنۇم ئۆلدى، قامچام سۇندى.

Latin · ULY
Xotunum öldi, qamcham sundi.
Кирил · USY
Хотунум өлди, қамчам сунди.

مۇناسىۋەتلىك ماقاللار

  1. 1يىراقتىن خوتۇن ئالساڭ ئۇلىقىڭ تىنماس، يېقىندىن خوتۇن ئالساڭ قۇلىقىڭ تىنماس.
  2. 2ئەرنى ئەر قىلغانمۇ خوتۇن، يەر قىلغانمۇ خوتۇن.
  3. 3يېپىشقان خوتۇندىن قاچ، قاچقان خوتۇننى قوغلا.
  4. 4ئىشچان خوتۇن سەھەر تۇرۇپ چېچىنى تارايدۇ، ھورۇن خوتۇن ۋاقچە تۇرۇپ كۈلىنى كولايدۇ.
  5. 5ئۆيۈڭنى گۈل قىلغانمۇ خوتۇن، كۈل قىلغانمۇ خوتۇن.
  6. 6خوتۇن تاللىغان خوتۇنسىز قالار، ئوتۇن تاللىغان ئوتۇنسىز.
  7. 7ياخشى خوتۇن ئەرنى ئەر قىلار، يامان خوتۇن ياخشى ئەرنى يەر قىلار.
  8. 8خوتۇن كىشىنىڭ تۇللۇقىدىن، ئەر كىشىنىڭ بويتاقلىقى يامان.

مەنبە: ئۇيغۇر قامۇسى — ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىللىرى · خاتالىق ياكى باشقا ۋارىيانتىنى ئەۋەتىش