ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىلى

خوتۇننىڭ ئوبدىنى ئېرىنى بارقار، دېھقاننىڭ ئوبدىنى يېرىنى.

Latin · ULY
Xotunning obdini érini barqar, déhqanning obdini yérini.
Кирил · USY
Хотунниң обдини ерини барқар, деһқанниң обдини йерини.

مۇناسىۋەتلىك ماقاللار

  1. 1ئىشچان خوتۇن سەھەر تۇرۇپ چېچىنى تارايدۇ، ھورۇن خوتۇن ۋاقچە تۇرۇپ كۈلىنى كولايدۇ.
  2. 2ئالدىرىغاندا ئېرى خوتۇنىغا تەزىم قىلىپتۇ.
  3. 3يىراقتىن خوتۇن ئالساڭ ئۇلىقىڭ تىنماس، يېقىندىن خوتۇن ئالساڭ قۇلىقىڭ تىنماس.
  4. 4ئەرنى ئەر قىلغانمۇ خوتۇن، يەر قىلغانمۇ خوتۇن.
  5. 5يېپىشقان خوتۇندىن قاچ، قاچقان خوتۇننى قوغلا.
  6. 6ئېرى ماز بولسا، خوتۇنىغا كۈن يوق.
  7. 7ئۆيۈڭنى گۈل قىلغانمۇ خوتۇن، كۈل قىلغانمۇ خوتۇن.
  8. 8خوتۇن تاللىغان خوتۇنسىز قالار، ئوتۇن تاللىغان ئوتۇنسىز.

مەنبە: ئۇيغۇر قامۇسى — ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىللىرى · خاتالىق ياكى باشقا ۋارىيانتىنى ئەۋەتىش