ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىلى

خوتۇن كىشىنىڭ تۇللۇقىدىن، ئەر كىشىنىڭ بويتاقلىقى يامان.

Latin · ULY
Xotun kishining tulluqidin, er kishining boytaqliqi yaman.
Кирил · USY
Хотун кишиниң туллуқидин, әр кишиниң бойтақлиқи яман.

مۇناسىۋەتلىك ماقاللار

  1. 1ياخشىلىققا ياخشىلىق ھەر كىشىنىڭ ئىشى، يامانلىققا ياخشىلىق ئەر كىشىنىڭ ئىشى.
  2. 2ياخشى خوتۇن ئەرنى ئەر قىلار، يامان خوتۇن ياخشى ئەرنى يەر قىلار.
  3. 3كىشىنىڭ ياخشىلىقىنى كىشىگە دە، ئۆزىگە دېمە؛ كىشىنىڭ كەمچىلىكىنى ئۆزىگە دە، كىشىگە دېمە.
  4. 4يەر يامان ئەمەس، ئەر يامان.
  5. 5يامان خوتۇن ئالغۇچە، بويتاق يۈرگىن ئۆلگۈچە.
  6. 6ياخشى ئەر كىشى خوتۇن خارلىماس.
  7. 7دوستۇڭ يامان بولسا قېچىپ قۇتۇلارسەن، خوتۇنۇڭ يامان بولسا قانداق قۇتۇلارسەن؟
  8. 8ئاختارمىلىقنىڭ چالمىسى يامان، خوتۇن كىشىنىڭ لالمىسى.

مەنبە: ئۇيغۇر قامۇسى — ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىللىرى · خاتالىق ياكى باشقا ۋارىيانتىنى ئەۋەتىش