ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىلى

تۇغماس خوتۇن شۈمەك يىغىپتۇ.

Latin · ULY
Tughmas xotun shümek yighiptu.
Кирил · USY
Туғмас хотун шүмәк йиғипту.

مۇناسىۋەتلىك ماقاللار

  1. 1يىراقتىن خوتۇن ئالساڭ ئۇلىقىڭ تىنماس، يېقىندىن خوتۇن ئالساڭ قۇلىقىڭ تىنماس.
  2. 2ئەرنى ئەر قىلغانمۇ خوتۇن، يەر قىلغانمۇ خوتۇن.
  3. 3يېپىشقان خوتۇندىن قاچ، قاچقان خوتۇننى قوغلا.
  4. 4ھازىغا بارغان خوتۇن ئۆز يىغىسىنى يىغلار.
  5. 5ئىشچان خوتۇن سەھەر تۇرۇپ چېچىنى تارايدۇ، ھورۇن خوتۇن ۋاقچە تۇرۇپ كۈلىنى كولايدۇ.
  6. 6ئۆيۈڭنى گۈل قىلغانمۇ خوتۇن، كۈل قىلغانمۇ خوتۇن.
  7. 7خوتۇن تاللىغان خوتۇنسىز قالار، ئوتۇن تاللىغان ئوتۇنسىز.
  8. 8ياخشى خوتۇن ئەرنى ئەر قىلار، يامان خوتۇن ياخشى ئەرنى يەر قىلار.

مەنبە: ئۇيغۇر قامۇسى — ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىللىرى · خاتالىق ياكى باشقا ۋارىيانتىنى ئەۋەتىش