ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىلى

تېرىق قۇلىقىدىن، بالا كىچىكىدىن.

Latin · ULY
Tériq quliqidin, bala kichikidin.
Кирил · USY
Териқ қулиқидин, бала кичикидин.

مۇناسىۋەتلىك ماقاللار

  1. 1كۆپ قېرىنىڭ ئىچىدىكى بالا دانا بولار، كۆپ بالا ئىچىدىكى قېرى بالا بولار.
  2. 2نەپسى بالا- جانغا بالا.
  3. 3بالا،بالا بولغۇچە، ئانىسى موما بولار.
  4. 4مەن كۆيەرمەن بالامغا، بالام كۆيەر بالىسىغا.
  5. 5ئوغۇل بالا تۇغۇلسا ئۆيۈڭگە بىر پەرىشتە قونار، قىز بالا تۇغۇلسا يەتمىش پەرىشتە.
  6. 6ئۇراي دېسەم يالغۇز بالام ، ئۇرماي دېسەم ياۋۇز بالام.
  7. 7ئەدەپلىك بالا ئويۇننى ئويۇن قىلىدۇ، ئەدەپسىز بالا ئويۇننى قۇيۇن قىلىدۇ.
  8. 8سەللە يوغان باش كىچىك، داستىخان يوغان نان كىچىك.

مەنبە: ئۇيغۇر قامۇسى — ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىللىرى · خاتالىق ياكى باشقا ۋارىيانتىنى ئەۋەتىش