ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىلى

سېغىزخاننىڭ ئۇۋىسىنى تۇرۇلغا تارتىۋاپتۇ.

Latin · ULY
Séghizxanning uwisini turulgha tartiwaptu.
Кирил · USY
Сеғизханниң увисини турулға тартивапту.

مۇناسىۋەتلىك ماقاللار

  1. 1ئىچ ئات تارتسا يانداق تارتماس، ئايغىر تارتسا بايتال تارتماس.
  2. 2قۇلىقى تۇرۇپ گاس، تىلى تۇرۇپ گاچا.
  3. 3ئۇياققا تارتسام ئات ئۆلىدۇ، بۇياققا تارتسام ھارۋا سۇنىدۇ.
  4. 4نان تۇرۇپ قالسا سۇغا يۈگۈر، سۇ تۇرۇپ قالسا گۆرگە.
  5. 5ئاياغقا تارتساڭ باشقا يوق، باشقا تارتساڭ ئاياغقا.
  6. 6كۆرمەي تۇرۇپ ئاق دېمە، سىنىماي تۇرۇپ ساق.
  7. 7ئىشچان خوتۇن سەھەر تۇرۇپ چېچىنى تارايدۇ، ھورۇن خوتۇن ۋاقچە تۇرۇپ كۈلىنى كولايدۇ.
  8. 8بېلىق سۇغا تارتىدۇ، توشقان سايغا.

مەنبە: ئۇيغۇر قامۇسى — ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىللىرى · خاتالىق ياكى باشقا ۋارىيانتىنى ئەۋەتىش