ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىلى

سۇنىڭ بېشى لاي بولسا، ئايىغىمۇ لاي بولىدۇ.

Latin · ULY
Suning béshi lay bolsa, ayighimu lay bolidu.
Кирил · USY
Суниң беши лай болса, айиғиму лай болиду.

مۇناسىۋەتلىك ماقاللار

  1. 1بارلىق بولساڭ بېشىڭنى سىلايدۇ، يوقلۇق بولساڭ بېشىڭ سىغمايدۇ.
  2. 2ياخشى بولسا ئۆزۈڭگە بالا، يامان بولسا بېشىڭغا.
  3. 3بالا بولسا شوخ بولسا، بولمىسا يوق بولسا.
  4. 4بېشى باش بولسۇن، ئايىغى تاش.
  5. 5ئېيىق بولسىمۇ ئېرىم بولسۇن، ئۆڭكۈر بولسىمۇ ئۆيۈم.
  6. 6باشتا سۆز بولسا، ئايىغىدا گەپ بولىدۇ.
  7. 7ئاز بولسۇن، ساز بولسۇن.
  8. 8قىممەتچىلىك بولسا، ساتقۇچىدا ئىنساپ يوق؛ ئەرزانچىلىق بولسا، ئالغۇچىدا ئىنساپ يوق.

مەنبە: ئۇيغۇر قامۇسى — ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىللىرى · خاتالىق ياكى باشقا ۋارىيانتىنى ئەۋەتىش