ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىلى

ئادەم ئەللىك يىلدا يېتىلىدۇ، دەرەخ ئون يىلدا.

Latin · ULY
Adem ellik yilda yétilidu, derex on yilda.
Кирил · USY
Адәм әллик йилда йетилиду, дәрәх он йилда.

مۇناسىۋەتلىك ماقاللار

  1. 1بالا-قازا دەرەخ بېشىدا ئەمەس، ئادەم قېشىدا.
  2. 2ئاينىڭ ئون بەشى ئايدىڭ، ئون بەشى قاراڭغۇ.
  3. 3ئادەم يەرنى ئالدىمىسا، يەر ئادەمنى ئالدىماس.
  4. 4ئادەم ئادەمدىن كۆرگەن ياخشىلىقنى ئۇنتار، يامانلىقنى ئۇنتۇماس.
  5. 5ھۈنەرلىك ئادەم- مېۋىلىك دەرەخ.
  6. 6ياخشى ئادەم ئامانلىشىپ كۆچەر، يامان ئادەم يامانلىىشىپ كۆچەر.
  7. 7مالدا مال بار، ئادەمدە ئادەم.
  8. 8بىر ئاتا ئون بالىنى باقار، ئون بالا بىر ئاتىنى باقالماس.

مەنبە: ئۇيغۇر قامۇسى — ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىللىرى · خاتالىق ياكى باشقا ۋارىيانتىنى ئەۋەتىش