ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىللىرى
2,501 ماقال · ئېلىپبە، تېما ۋە مەنا بويىچە ئىزدەش
تېما بويىچە
ھايۋانلار368ئائىلە265تىل ۋە سۆز184ياخشىلىق ۋە يامانلىق165بايلىق ۋە نامراتلىق164مېھماندوستلۇق ۋە داستىخان120ئەمگەك ۋە ھۈنەر116ھايات ۋە ئۆلۈم115بىلىم ۋە ئەقىل100دوست ۋە دۈشمەن85راستچىللىق ۋە ئادالەت75جاسارەت59ياشلىق ۋە قېرىلىق52قانائەت ۋە ئاچكۆزلۈك51ۋەتەن ۋە ئەل37سالامەتلىك26ئۇيات ۋە ئابروي26سەۋر-تاقەت14ئىتتىپاقلىق ۋە مەسلىھەت12كەمتەرلىك ۋە غۇرۇر5
«ي» ھەرپى
200 ماقال
- 121يوقالغان پىچاقنىڭ سېپى ئالتۇن.
- 122يوققا نېمە يوق، ئېرىقىتىكى سۇمۇ يوق.
- 123يول ئازابى-گۆر ئازابى.
- 124يول بۇياققا، ھارۋا ئۇياققا.
- 125يول سورىغان يولدىن ئازماس.
- 126يول سورىماي يولغا چىقما.
- 127يول يۈرسەڭ باشقا چىق، سۇ ئۈزسەڭ قاشقا.
- 128يولدا قوشۇلغان يولداش ئەمەس.
- 129يولسىزنىڭ تىلى قىسقا.
- 130يولى باشقا، مەنزىلى بىر.
- 131يولى باشقىنىڭ نىيىتى باشقا.
- 132يولىنى بىلسەڭ، سۇ ئۆگىزىگە چىقار.
- 133يولۋاس ئىزىدىن قايىتماس، يىگىت سۆزىدىن.
- 134يولۋاسقا يولۇقما، يولۇقساڭ ھودۇقما.
- 135يولۋاسنى يەڭگەن باتۇر ئەمەس، ئاچچىقنى يەڭگەن باتۇر.
- 136يىراق بولسا كىشنىشەر، يېقىن بولسا چىشلىشەر.
- 137يىراقتىكى تۇغقاندىن، يېقىندىكى قوشنا ئەلا.
- 138يىراقتىكى سۇدا ئۇسسۇزلۇق قانماس.
- 139يىراقتىن خوتۇن ئالساڭ ئۇلىقىڭ تىنماس، يېقىندىن خوتۇن ئالساڭ قۇلىقىڭ تىنماس.
- 140يىرتىق تۆشۈكدىن كۈلەر، چۆمۈچ قازاندىن.
- 141يىغلاپ يۈرۈپ قىر ئەت، ئويناپ يۈرۈپ يەر سۇغار.
- 142يىغلىماقنىڭ كۈلمىكى بار.
- 143يىقىلغان چېلىشقا تويماپتۇ.
- 144يىقىلغاننى تەپمە، قاچقاننى قوغلىما.
- 145يىقىلغاننى يەر كۆتۈرەر.
- 146يىلان ئۆزۈم ئەگرى ئەمەس، يولۇم ئەگرى دەيدۇ.
- 147يىلان-چايان ئىزدىسەڭ، قازىنىڭ گۆرىنى ئاچ.
- 148يىلاندىن قورقان، ئارغامچىدىنمۇ قورقار.
- 149يىلاننىڭ تۆشىكى تۈز، ئۆزى ئەگرى.
- 150يىلاننىڭ تېشى سىللىق، ئىچى زەھەر.
- 151يىلتىز سۇدا بولماس، ھوسۇلدىن ئۈمىد كۈتمە.
- 152يىڭنىنىڭ كۆزىدەك تۆشۈكتىن، تۆگىدەك شامال كىرىدۇ.
- 153يىڭنە قاياققا ماڭسا، يىپ شۇ ياققا ماڭار.
- 154يۆلەكلىك تام يىقىلماس.
- 155يۇرتىغا پاتمىغان جاھانغا پاتماس.
- 156يۈز ئاڭلىغاندىن بىر كۆرگەن ئەلا.
- 157يۈز قاغىغا بىر شۇڭقار كۇپايە.
- 158يۈز يۈزگە چۈشىدۇ، مېھىر كۆزگە.
- 159يۈزۈمنىڭ قېلىنلىقى، جېنىمنىڭ راھىتى.
- 160يېتىمنىڭ ئاغزى ئاشقا تەگكەندە، بېشى تاشقا تېگىدۇ.
- 161يېتىپ يېسەڭ تاغ توشۇماس.
- 162يېرىدىن ئايرىلغان يەتتە يىل يىغلار، يۇرتتىن ئايرىلغان يەتمىش يىل.
- 163يېرىم باينىڭ ياتقۇسى كەلمەس، كىيمى يېلىڭنىڭ قوپقۇسى.
- 164يېرىم كۈننىڭ يېنىشى يوق.
- 165يېرىڭ تاش بولسىمۇ، ئېچىقىڭ باش بولسۇن.
- 166يېشىم ئوتتۇزغا يەتتى، ئۆمرۈمنىڭ تېڭى كەتتى.
- 167يېغىر قەيەردە، چىۋىن شۇ يەردە.
- 168يېقىن تۇغقان خىزمەتتە، يىراق تۇغقان ئىززەتتە.
- 169يېمىسەڭمۇ ھەسەلنىڭ گېپىنى قىل.
- 170يېمىشلىك ياغاچنىڭ بېشى تۆۋەن.
- 171يېمىگىنىم پوق، كۆرمىگىنىم گۆر.
- 172يېمەس يەردە ئوت بار، ئىچمەس يەردە سۇ.
- 173يېمەي يىغقاننىڭ يېگۈچىسى چىقار، كىيمەي يىغقاننىڭ كىيگۈچىسى.
- 174يېمەيمەن دەپ تۇرۇپ، يەتمىش قۇيماق يەپتۇ.
- 175يېنىدا بىر پۇلى يوق، تۆگىنىڭ چىشىنى ساناپتۇ.
- 176يېىتم ئۆز رىزقىنى يەيدۇ، كىشىنىڭ مىننىتىنى تارتىدۇ.
- 177يېىتم تايدىن يورغا چىقار، يېتىم بالىدىن دورغا.
- 178يېيىشلىك ئات ھارماس.
- 179يېيىشلىك مالنىڭ ئېتى چۈشمەس، يۈزسىزنىڭ بېتى.
- 180يېپىشقان خوتۇندىن قاچ، قاچقان خوتۇننى قوغلا.