ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىللىرى

2,501 ماقال · ئېلىپبە، تېما ۋە مەنا بويىچە ئىزدەش

تاسادىپىي
بۈگۈنكى ماقالقولۇڭدىن كەلسە، ئەلدىن ئايىما.

تېما بويىچە

«ئا» ھەرپى

256 ماقال

  1. 181ئالدىدا قول قىسىشار، ئارقىدا تاش ئېتىشار.
  2. 182ئالدىرىغان ئىت تامغا سەكرەر.
  3. 183ئالدىرىغان ئىشقا شەيتان ئارىلىشار.
  4. 184ئالدىرىغاندا ئېرى خوتۇنىغا تەزىم قىلىپتۇ.
  5. 185ئالدىرىغاندا قارىغۇدىن يول سوراپتۇ.
  6. 186ئالدىرىغاندا قولىدىكىنى قىرىق قېتىم ئىزدەپتۇ.
  7. 187ئالدىرىغاننىڭ ئوشۇقى تىيىپتۇ.
  8. 188ئالغاندا بىسمىللا، بەرگەندە ئەستاغپۇرۇللا.
  9. 189ئالغاننىڭ قولى يۇمشاق، يېگەننىڭ تىلى.
  10. 190ئالغۇچى ئارسلان، بەرگۈچى چاشقان.
  11. 191ئالغۇچە ئالمان، بەرگۈچە بەزگەك.
  12. 192ئالقىش ئالغان ئامان، قارغىش ئالغان يامان.
  13. 193ئالما ئۆز دەرىخىدىن يىراققا چۈشمەس.
  14. 194ئالماقنىڭ بەرمىكى بار، چىقماقنىڭ چۈشمىكى.
  15. 195ئالمىغان ئاتقا ئوقۇر ساپتۇ.
  16. 196ئالىم بولساڭ، ئالەم سېنىڭكى.
  17. 197ئالىمەن دېسەڭ ئاۋۋال بەر.
  18. 198ئالۋاستى بوش كەلگەننى باسىدۇ.
  19. 199ئامالىم يوق دېگۈچە، ئەقلىم يوق دېگىن.
  20. 200ئامانەتنى تۇتماڭ، يوقالسا تۆلەرسىز، تام تۈۋىدە ئولتۇرماڭ، يىقىلسا ئۆلەرسىز.
  21. 201ئامەت كەلسە قوش كەپتۇ.
  22. 202ئانا سۈتى بىلەن كىرمىگەن ئەقىل، كالا سۈتى بىلەن كىرمەس.
  23. 203ئانا قۇشقاچ پاتقان كامارغا بالا قۇشقاچ پاتماپتۇ.
  24. 204ئانا كۆرۈپ قىز ئال، قىرغاق كۆرۈپ بۆز.
  25. 205ئانا يۇرتۇڭ ئامان بولسا، رەڭگىرويۇڭ سامان بولماس.
  26. 206ئاناڭ ئۆگەي بولسا، تويۇڭ بۇزۇلار.
  27. 207ئاناڭنى داداڭغا پەردازسىز كۆرسەتمە.
  28. 208ئانىسى تەپكەن موزاينىڭ جېنى ئاغرىماس.
  29. 209ئاي توشمىغۇچە ئېتىڭنى ماختىما، يىل توشمىغۇىچە قۇداڭنى.
  30. 210ئاي قوتانلىسا ئايدا ياغار، كۈن قوتانلىسا كۈندە.
  31. 211ئاي كۈندە كېرەك، ئەقىل كۈندە.
  32. 212ئاي نۇرى قانچىلىك يورۇق بولسىمۇ، قۇياشنىڭكىگە يەتمەس.
  33. 213ئاي يورۇقى ئوغۇرغا باقماس.
  34. 214ئاي چىققاندا يۇلتۇز كۆرۈنمەس.
  35. 215ئاياغ يۈگۈركى ئاشقا، ئېغىز يۈگۈرۈكى باشقا.
  36. 216ئاياغقا تارتساڭ باشقا يوق، باشقا تارتساڭ ئاياغقا.
  37. 217ئاياغقا چىقماي، باشقا يوق.
  38. 218ئايدا كەلگەندە ئاياغ، كۈندە كەلگەندە تاياق.
  39. 219ئايرىلغاننى قار باسار، بۆلۈنگەننى بوران.
  40. 220ئاينىڭ ئون بەشى ئايدىڭ، ئون بەشى قاراڭغۇ.
  41. 221ئاينىڭ بېشىدىن قورۇققۇچە، بەشىدىن قورق.
  42. 222ئايىدا يېگەن توق، كۈندە يېگەن ئاچ.
  43. 223ئاپتاپ يەرنى تاۋلايدۇ،جاپا ئەرنى.
  44. 224ئاپتاپنىڭ چىقىشىغا باق، سۇنىڭ ئېقىشىغا.
  45. 225ئاپەت كۆرمەي دېسەڭ ، ھوشيار بول.
  46. 226ئاچ ئىتقا بەرسەڭ، توق ئىت خىرقىرار.
  47. 227ئاچ ئېيىق ئوينىماس.
  48. 228ئاچ بۆرە ئالدىدا قوي ھامان گۇناھكار.
  49. 229ئاچ قالغان تاماق تاللىمايدۇ.
  50. 230ئاچ قالمىغۇچە ئاشنىڭ قەدرىنى بىلمەس، پىيادە يۈرمىگۈچە ئاتنىڭ قەدرىنى.
  51. 231ئاچ قورساققا يېسە مېغىز تېتىيدۇ، توق قۇرساققا يېسە سېغىز.
  52. 232ئاچ كىشىنىڭ ئاچچىقى يامان.
  53. 233ئاچ كۆز تويماس، بېخىل بېيىماس.
  54. 234ئاچ نېمىنى يېمەس، توق نېمىنى دېمەس.
  55. 235ئاچارچىلقىنى باشتىن كەچۈرمىگەن، توقچىلىقنىڭ قەدرىگە يەتمەس.
  56. 236ئاچلىقتا تۇتقان قاچاڭنى توقلۇقتا ئۇنتىما.
  57. 237ئاچلىقتىن ئۆلسەڭمۇ، ئاتا-ئاناڭنى تاشلىما.
  58. 238ئاچلىقتىن خۇمارلىق يامان.
  59. 239ئاچنىڭ دەردىنى توق بىلمەس، كېسەلنىڭ دەردىنى ساق.
  60. 240ئاچچىق ئالدىدا يۈرىدۇ، ئەقىل كەينىدە.
«ئا» ھەرپى بىلەن باشلانغان ماقال-تەمسىللەر | ئۇيغۇر ھېكمەتلىرى