مۇناسىۋەتلىك ماقاللار

  1. 1پۇل دۈشمەننى دوست قىلار، دوستنى دۈشمەن.
  2. 2ئەقىللىق ئۆزىنى ئەيىبلەر، نادان دوستىنى.
  3. 3يامان ئات ئىگىسنى يەرگە ئاتار، يامان دوست دوستىنى دۈشمەنگە ساتار.
  4. 4ئەقىللىق دوستىنى ماختار، ئەخمەق خوتۇنىنى.
  5. 5دوستتىن يامانلىغان ئەقىلنىڭ يوقلۇقى، تاماقتىن يامانلىغان قورساقنىڭ توقلۇقى.
  6. 6دوست ئاغرىتىپ ئېيتار، دۈشمەن كۈلدۈرۈپ.
  7. 7ئەقىللىققا گەپ قىلساڭ، ئويلاپ كۈلىدۇ، نادانغا گەپ قىلساڭ، ئاڭلاپ كۈلىدۇ.
  8. 8ساختا دوست، ئاشكارا دۈشمەندىن يامان.

مەنبە: ئۇيغۇر قامۇسى — ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىللىرى · خاتالىق ياكى باشقا ۋارىيانتىنى ئەۋەتىش