ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىللىرى

2,501 ماقال · ئېلىپبە، تېما ۋە مەنا بويىچە ئىزدەش

تاسادىپىي
بۈگۈنكى ماقالقولۇڭدىن كەلسە، ئەلدىن ئايىما.

تېما بويىچە

ھەممە ماقاللار

2,501 ماقال

  1. 2341چىرايلىق يۈزدە ئەمەس، سۆزدە.
  2. 2342چىرايلىق چىرايلىق ئەمەس، سۆيگەن چىرايلىق.
  3. 2343چىرايلىقتا ۋاپا يوق.
  4. 2344چىرايلىقنى تاشلىساڭمۇ، قەدىناسنى تاللىما.
  5. 2345چىرايلىقنىڭ ئاقلىقىدىن، كۆڭۈلنىڭ ئاقلىقى ئەلا.
  6. 2346چىرايلىقنىڭ ئوتى يامان، سەتنىڭ ھالى.
  7. 2347چىرايلىقنىڭ چىقىمى تولا.
  8. 2348چىراينىڭ سەتلىكىگە ئەينەك گۇۋاھ ئەمەس.
  9. 2349چىرىغىڭ قانچە بولسا، سايەڭ شۇنچە بولار.
  10. 2350چىش ئاغرىقى ئاغرىق ئەمەس، كىشى كېلىپ ھال سورىماس.
  11. 2351چىش ئاغرىقى ئاغرىق ئەمەس، چىش ئاغرىقىغا ئادەم ئۆلمەس.
  12. 2352چىش چىققاندا بالىغا، چايناپ بەرگەن ئاش بولماس.
  13. 2353چىشلەيدىغان ئىت، چىشىنى كۆرسەتمەيدۇ.
  14. 2354چىشىمغا قارىما، ئىشىمغا قارا.
  15. 2355چىشىڭنىڭ بارىدا گۆش يە.
  16. 2356چىۋىن قورىغان يەرگە قونىدۇ.
  17. 2357چىۋىننىڭ كۆڭلى گەدەندە.
  18. 2358چۆلدە ئېتىڭ ھارمىسۇن، قېرىغاندا خوتۇنۇڭ ئۆلمىسۇن.
  19. 2359چۆلدە تەشنالىق يامان، يولدا يالغۇزلۇق.
  20. 2360چۆپسىز مال-بولماس، پۇلسىز تىجارەت بولماس.
  21. 2361چۆچۈرە يېمەكتىن مەقسەت-گۆش يېمەك.
  22. 2362چۆگۈن قاينىسا ئۆز بوينىغا تاشار.
  23. 2363چۈجىسى بار توخۇ ئۇچالماس.
  24. 2364چۈجىنىڭ شۇملۇقىدىن، توخۇنىڭ ئەمچىكى يوق.
  25. 2365چۈجە باققان توخۇنىڭ مەيدىسىدە تۈكى يوق.
  26. 2366چۈشكە نېمە كىرمەيدۇ، دۈشمەن نېمە دېمەيدۇ.
  27. 2367چۈشلۈك ئۆمرۈڭ بولسا، كەچلىككە ئوزۇق تاپ.
  28. 2368چۈمۈلىنىڭ پۇتىدىن ئۆگەن، قۇشقاچنىڭ تىلىدىن ئۆگەنمە.
  29. 2369چېچەن جۇۋاننى ئوچاق بېشىدا سىنا.
  30. 2370چېچەننىڭ تىلى، چەبدەسنىڭ قولى.
  31. 2371چېۋەر دۆت كۆرۈنەر.
  32. 2372چەككىنى جەبىر-جاپا، ئاڭلىغىنى تەنە-تاپا.
  33. 2373گاداي بولساڭ شەھەر تالاش.
  34. 2374گاداينىڭ بالىىسى-باينىڭ كالىسى.
  35. 2375گاس ئىككى كۈلىدۇ: خەقنىڭ كۈلگىنىگە قاراپ بىر، گەپ ئاڭلىغاندىن كېيىن بىر.
  36. 2376گاس دەپ غەيۋەت قىلما، قارىغۇ دەپ خىيانەت.
  37. 2377گاس گۇمانخور كېلەر، ئوغرى قەسەمخور.
  38. 2378گاچا قىزنىڭ تىلىنى ئانىسى بىلىدۇ.
  39. 2379گاچا چۆچىرە يېسە ئىچىدە، ساناپ يەر.
  40. 2380گاچىنى سۆزلەتكەن ئۇنىڭ پۇلى.
  41. 2381گۆرنىڭ ئەنسىزلىكىدىن ئۆي ئەنسىزلىكى يامان.
  42. 2382گۆرگە كىرگەن تىرىك چىقماس، ئۆيگە كىرگەن قۇرۇق چىقماس.
  43. 2383گۆش بىلەن ياغ بىر تۇغقان، پىيازنىڭ كۆيگىنى كۆيگەن.
  44. 2384گۆشمۇ گۆش، ئۆپكىمۇ گۆش.
  45. 2385گۆشنى يېسەڭ چىشىڭغا كىرەر، يېمىسەڭ چۈشۈڭگە.
  46. 2386گۆشنى يېگەنمۇ ئوغرى، شورپىنى ئىچكەنمۇ ئوغرى.
  47. 2387گۆھەر ياتىدۇ سايدا، تونۇمىساڭ نېمە پايدا.
  48. 2388گۆھەرلىك بولۇشىتن، ھۈنەرلىك بولۇش ئارتۇق.
  49. 2389گۇمان ئىماننى قاچۇرار، ئۇماچ مېھماننى.
  50. 2390گۇمان ئىماننى قاچۇرىدۇ.
  51. 2391گۇگۇم ۋاقتىدا قىز كۆرمە، قاش-كۆزىنى ئۇز كۆرمە.
  52. 2392گۈزەل يولدا قويار، قاراقچى چۆلدە.
  53. 2393گۈل تىكەنسىز بولماس.
  54. 2394گۈل سەھەردە ئېچىلار، خىيال كېچىدە.
  55. 2395گۈل گۈلى بىلەن، مال خىلى بىلەن.
  56. 2396گۈلدۈرى بار، يامغۇرى يوق.
  57. 2397گۈلنى سۆيگەن تىكىنىدىن قورقماس.
  58. 2398گۈلنىڭ سەرخىلى گۈل ئارىسىىدا، ئەرنىڭ سەرخىلى ئەل ئارىسىدا.
  59. 2399گۈلگە قونغاننىڭ ھەممىسى بۇلبۇل ئەمەس.
  60. 2400گۈلۈڭ بار چاغدا گۈلۈڭنى قىس، گۈلۈڭ توزىغاندا كۆتۈڭنى قىس.
ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىللىرى | ئۇيغۇر ھېكمەتلىرى