مۇناسىۋەتلىك ماقاللار

  1. 1مېھنەتنىڭ تېگى راھەت، ناداننىڭ تېگى گادايلىق.
  2. 2ئىت گادايدىن قورقىدۇ، گاداي ئىتتىن.
  3. 3ئاقىلغا ئىشارەت، نادانغا جۇۋالدۇرۇز.
  4. 4ئەقىللىققا گەپ قىلساڭ، ئويلاپ كۈلىدۇ، نادانغا گەپ قىلساڭ، ئاڭلاپ كۈلىدۇ.
  5. 5نادان ھاكىم يۇرت بۇزار.
  6. 6نادان گۈلگە يۈگۈرىدۇ، زېرەك مېۋىگە.
  7. 7نادانغا بېرىلگەن مەنسەپ-كىچىك بالىغا تۇتقۇزۇلغان ئۇستىرا.
  8. 8موللىغا ئون تاياق، نادانغا بىر تاياق.

مەنبە: ئۇيغۇر قامۇسى — ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىللىرى · خاتالىق ياكى باشقا ۋارىيانتىنى ئەۋەتىش