ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىلى

مەسلىھەتنى دوستۇڭغا سال، كېڭىشىشنى ئۆزۈڭ قىل.

Latin · ULY
Meslihetni dostunggha sal, kéngishishni özüng qil.
Кирил · USY
Мәслиһәтни достуңға сал, кеңишишни өзүң қил.

مۇناسىۋەتلىك ماقاللار

  1. 1يامان ئات ئىگىسنى يەرگە ئاتار، يامان دوست دوستىنى دۈشمەنگە ساتار.
  2. 2دوستقا دوست كېرەك، ھېساپقا دۇرۇس كېرەك.
  3. 3پۇل بار چاغدا مىڭ دوست، پۇل تۈگىگەندە قېنى دوست.
  4. 4دوستنىڭ دوستلۇقى، باشقا كۈن چۈشكەندە بىلىنەر.
  5. 5ياخشى بىلەن دوست بولساڭ، يېتەرسەن مۇرادقا، يامان ئادەم بىلەن دوست بولساڭ، قالارسەن ئۇياتقا.
  6. 6ئۆزۈڭ نېمە يېسەڭ، دوستۇڭغا شۇنى قوي.
  7. 7پۇل دۈشمەننى دوست قىلار، دوستنى دۈشمەن.
  8. 8ئەيىبسىز دوست ئىزدىگەن، دوستسىز قالار.

مەنبە: ئۇيغۇر قامۇسى — ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىللىرى · خاتالىق ياكى باشقا ۋارىيانتىنى ئەۋەتىش