ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىلى

مېۋىسىز دەرەخكە كىم باقىدۇ، مېۋىلىك دەرەخكە ھەركىم قول ئۇزىتىدۇ.

Latin · ULY
Méwisiz derexke kim baqidu, méwilik derexke herkim qol uzitidu.
Кирил · USY
Мевисиз дәрәхкә ким бақиду, мевилик дәрәхкә һәрким қол узитиду.

مۇناسىۋەتلىك ماقاللار

  1. 1مېۋىلىك دەرەخ ئېگىلىپ تۇرار، مېۋىسىز دەرەخ غادىيىپ.
  2. 2يان يەرنى شامال قاقىدۇ، چارايلىققا ھەركىم باقىدۇ.
  3. 3ھۈنەرلىك ئادەم- مېۋىلىك دەرەخ.
  4. 4قول قولنى يۇسا، قول كېلىپ يۈزنى يۇيار.
  5. 5بېشىڭنى كىم سىلىسا ماشايىقىڭ شۇ، يېنىڭدا كىم ئولتۇرسا چىرايلىقىڭ شۇ.
  6. 6مېۋىلىك دەرەخنىڭ شېخى تۆۋەن.
  7. 7ئىلىمسىز ئادەم مېۋىسىز دەرەخ.
  8. 8كۆز قورققاق، قول باتۇر.

مەنبە: ئۇيغۇر قامۇسى — ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىللىرى · خاتالىق ياكى باشقا ۋارىيانتىنى ئەۋەتىش