ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىلى

موللىنىڭ ياخشىسى تەمەرگە ئەمەس، مۇساپىرنىڭ ياخشىسى قەلەندەر.

Latin · ULY
Mollining yaxshisi temerge emes, musapirning yaxshisi qelender.
Кирил · USY
Моллиниң яхшиси тәмәргә әмәс, мусапирниң яхшиси қәләндәр.

مۇناسىۋەتلىك ماقاللار

  1. 1ياخشىلىققا ياخشىلىق ھەر كىشىنىڭ ئىشى، يامانلىققا ياخشىلىق ئەر كىشىنىڭ ئىشى.
  2. 2سەن ياخشى، مەن ياخشى، تونۇر قىزىق نان ياخشى.
  3. 3تۇغقاننىڭ بارى ياخشى، بۈگۈن قىچقارسا ئەتە«ھە»دېسىمۇ ياخشى.
  4. 4قىز بالا ئەردە ياخشى، بولمىسا يەردە ياخشى.
  5. 5ياخشى ئاتقا قامچا كەتمەس، ياخشى يارغا ئەلچى.
  6. 6ياخشى گۆشتىن ياخشى شورپا.
  7. 7تۇرمىغان مېھماننىڭ كەتكىنى ياخشى، ساقايمىغان ئاغرىقنىڭ ئۆلگىنى ياخشى.
  8. 8ئىككى كىشىدىن سىر يوشۇرما زىنھار، بىرى ياخشى تىۋىپ، بىرى ياخشى يار.

مەنبە: ئۇيغۇر قامۇسى — ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىللىرى · خاتالىق ياكى باشقا ۋارىيانتىنى ئەۋەتىش