ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىللىرى

2,501 ماقال · ئېلىپبە، تېما ۋە مەنا بويىچە ئىزدەش

تاسادىپىي
بۈگۈنكى ماقالقولۇڭدىن كەلسە، ئەلدىن ئايىما.

تېما بويىچە

ئائىلە

265 ماقال

  1. 61ئۆزۈڭنىڭ كىملىكىنى بىلمەكچى بولساڭ، كىشىنىڭ قىزىغا ئەلچى ئەۋەتىپ كۆر.
  2. 62ئۆي تۇتساڭ بالادا قالدىڭ، تۇتمىساڭ تالادا.
  3. 63ئۆي تۇتماس خوتۇننىڭ جېدىلى تولا.
  4. 64ئۆيۈڭنى گۈل قىلغانمۇ خوتۇن، كۈل قىلغانمۇ خوتۇن.
  5. 65ئۇراي دېسەم يالغۇز بالام ، ئۇرماي دېسەم ياۋۇز بالام.
  6. 66ئۇرۇشقاق خوتۇن تۇل بولار.
  7. 67ئۇرۇشقاق خوتۇننىڭ ئېرى تېز قېرىيدۇ.
  8. 68ئۇرۇق -تۇغقان يات بولماس، ئالتۇن -كۈمۈش دات.
  9. 69ئۇرۇق -تۇغقاننىڭ يىرىقى ياخشى، ئوتۇن -ياغاچنىڭ يېقىنى.
  10. 70ئۇستا ئوۋچى ئىز تونۇيدۇ، زېرەك يىگىت قىز.
  11. 71ئۇياتسىز خوتۇن-تۇزسىز ئاش.
  12. 72ئۇۇق-تۇغقان تېپىشار، ياتقا بالا يېپىشار.
  13. 73ئۈمتۈلگەن ئەرگە، دەريا ئوشۇقىغا كەلمەس.
  14. 74ئېتىم يانداق، كالام تارتماس، ئىككى كېلىن بىر ئۆيگە پاتماس.
  15. 75ئېتىنى ئۇتتۇرۇپ ياياق قالدى، خوتۇنىنى ئۇتتۇرۇپ بويتاق.
  16. 76ئېرى ماز بولسا، خوتۇنىغا كۈن يوق.
  17. 77ئېشى يارىسا قاچىسىغا قارىما، قىزى يارىسا ئانىسىغا.
  18. 78ئەخمەققە قىز كۆرسەتمە، موزايغا سۈت.
  19. 79ئەدەپلىك بالا ئويۇننى ئويۇن قىلىدۇ، ئەدەپسىز بالا ئويۇننى قۇيۇن قىلىدۇ.
  20. 80ئەر ئارسىز بولماس، يىگىت يارىسىز.
  21. 81ئەر ئۆلسە ئېتى قالار، ئات ئۆلسە ئېگىرى.
  22. 82ئەر قېرىسا ئۆزىگە بىلىنەر، خوتۇن قېرىسا ئۆزگىگە.
  23. 83ئەر قېرىسا قويغىنىنى بىلمەس، خوتون قېرىسا تويغىنىنى .
  24. 84ئەر قېرىسا كۈچىدىن قالار، خوتۇن قېرىسا ئېسىدىن.
  25. 85ئەر قەدرىنى ئەر بىلەر، زەر قەدرىنى زەگەر.
  26. 86ئەر كىشى مۇز تاغ، خوتۇن ئاپتاپ.
  27. 87ئەر كىشىگە يەتمىش تۈرلۈك ھۈنەر ئاز.
  28. 88ئەر كۈنلىسە ئۆي تۈزۈلەر، خوتۇن كۈنلىسە ئۆي بۇزۇلار.
  29. 89ئەر يېڭىلىپ قولغا چۈشەر، قۇش يېڭىلىپ تورغا.
  30. 90ئەرسىز خوتۇن يۈگەنسىز ئات.
  31. 91ئەرنى ئەر قىلغانمۇ خوتۇن، يەر قىلغانمۇ خوتۇن.
  32. 92ئەرنىڭ ئىچىگە ئالەم سىغار.
  33. 93ئەرنىڭ ئۆزى ئەمەس، سۆزى.
  34. 94ئەرنىڭ ئېزىتقۇسى خوتۇن.
  35. 95ئەرنىڭ جەددى تۆرىدە ئولتۇرۇپ ئاچ چىقىدۇ، خوتۇننىڭ جەددى پەگاھتا ئولتۇرۇپ توق چىقىدۇ.
  36. 96ئەرنىڭ سۆزى بىر بولار.
  37. 97ئەرنىڭ يالغىنى- ئۆلگىنى.
  38. 98ئەزرائىل جان دېسە، بەش بالا نان دەيدۇ.
  39. 99ئەسكى چاپان يامغۇردا ياخشى، ئەسكى خوتۇن ئۆلگەندە.
  40. 100ئەقىللىق دوستىنى ماختار، ئەخمەق خوتۇنىنى.
  41. 101ئەل بار يەردە، ئەر بار.
  42. 102ئەلنىڭ غېمىنى يېگەن ئەر ئۆلمەس.
  43. 103ئەلگەككە چىقىپ ئەرگە تېگىپتۇ.
  44. 104ئەمگەك بىلەن ئەر كۆكىرەر، يامغۇر بىلەن يەر.
  45. 105بارىغا خوتۇن ئىگە، يوقىغا ئەر.
  46. 106بالا ئانىسىنى يامان دېمەس، ئىت ئىگىسىنى.
  47. 107بالا بولسا شوخ بولسا، بولمىسا يوق بولسا.
  48. 108بالا بەش، نان ئۈچ.
  49. 109بالا تېپىش بىر قىيىن، ئۇنى بېقىش مىڭ قىيىن.
  50. 110بالا زاكىسىدا مەلۇم.
  51. 111بالا قۇش ئۇچۇشنى بىلەر، قونۇشنى بىلمەس.
  52. 112بالا قۇچاقتىكى چاغدا سۆيدۈرەر، ئۆسكەن چاغدا كۆيدۈرەر.
  53. 113بالا كۆرگەننى دورايدۇ، قىرى كۆرگەننى سورايدۇ.
  54. 114بالا كەلسە قوش كەپتۇ، ئامەت كەلسە تاق.
  55. 115بالا كەلسە قوشلاپ كېلىدۇ، بىر-بىرنى باشلاپ كېلىدۇ.
  56. 116بالا يىغلاپ چوڭ بولار، قاپاق ساڭگىلىشىپ.
  57. 117بالا يىغلىمىغۇچە، ئانا ئەمچەك سالماس.
  58. 118بالا-قازا باينىڭ يېنىغا كېلەر، كەمبەغەلنىڭ جېنىغا.
  59. 119بالا-قازا دەرەخ بېشىدا ئەمەس، ئادەم قېشىدا.
  60. 120بالا-قازا قاش-كىرپىكنىڭ ئارىسىدا.
ئائىلە ھەققىدە ماقال-تەمسىللەر | ئۇيغۇر ھېكمەتلىرى