ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىلى

ئەرنىڭ جەددى تۆرىدە ئولتۇرۇپ ئاچ چىقىدۇ، خوتۇننىڭ جەددى پەگاھتا ئولتۇرۇپ توق چىقىدۇ.

Latin · ULY
Erning jeddi töride olturup ach chiqidu, xotunning jeddi pegahta olturup toq chiqidu.
Кирил · USY
Әрниң җәдди төридә олтуруп ач чиқиду, хотунниң җәдди пәгаһта олтуруп тоқ чиқиду.

مۇناسىۋەتلىك ماقاللار

  1. 1ياخشى خوتۇن ئەرنى ئەر قىلار، يامان خوتۇن ياخشى ئەرنى يەر قىلار.
  2. 2ئەرنى ئەر قىلغانمۇ خوتۇن، يەر قىلغانمۇ خوتۇن.
  3. 3ئاچ نېمىنى يېمەس، توق نېمىنى دېمەس.
  4. 4يىراقتىن خوتۇن ئالساڭ ئۇلىقىڭ تىنماس، يېقىندىن خوتۇن ئالساڭ قۇلىقىڭ تىنماس.
  5. 5ئاچ قورساققا يېسە مېغىز تېتىيدۇ، توق قۇرساققا يېسە سېغىز.
  6. 6يەرگە تەرنىڭ ئۆگىيى يوق، خوتۇنغا ئەرنىڭ.
  7. 7يېپىشقان خوتۇندىن قاچ، قاچقان خوتۇننى قوغلا.
  8. 8خوتۇننىڭ تۇغقىنى كەلسە كۈندە گۈرۈچ، ئەرنىڭ تۇغقىنى كەلسە كۈندە ئۇرۇش.

مەنبە: ئۇيغۇر قامۇسى — ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىللىرى · خاتالىق ياكى باشقا ۋارىيانتىنى ئەۋەتىش