ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىلى

ئەرنىڭ ئېزىتقۇسى خوتۇن.

Latin · ULY
Erning ézitqusi xotun.
Кирил · USY
Әрниң езитқуси хотун.

مۇناسىۋەتلىك ماقاللار

  1. 1ياخشى خوتۇن ئەرنى ئەر قىلار، يامان خوتۇن ياخشى ئەرنى يەر قىلار.
  2. 2ئەرنى ئەر قىلغانمۇ خوتۇن، يەر قىلغانمۇ خوتۇن.
  3. 3يىراقتىن خوتۇن ئالساڭ ئۇلىقىڭ تىنماس، يېقىندىن خوتۇن ئالساڭ قۇلىقىڭ تىنماس.
  4. 4يەرگە تەرنىڭ ئۆگىيى يوق، خوتۇنغا ئەرنىڭ.
  5. 5يېپىشقان خوتۇندىن قاچ، قاچقان خوتۇننى قوغلا.
  6. 6خوتۇننىڭ تۇغقىنى كەلسە كۈندە گۈرۈچ، ئەرنىڭ تۇغقىنى كەلسە كۈندە ئۇرۇش.
  7. 7قىشنىڭ راھىتى ئوتۇن، ئەرنىڭ راھىتى خوتۇن.
  8. 8ئىشچان خوتۇن سەھەر تۇرۇپ چېچىنى تارايدۇ، ھورۇن خوتۇن ۋاقچە تۇرۇپ كۈلىنى كولايدۇ.

مەنبە: ئۇيغۇر قامۇسى — ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىللىرى · خاتالىق ياكى باشقا ۋارىيانتىنى ئەۋەتىش