ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىللىرى
2,501 ماقال · ئېلىپبە، تېما ۋە مەنا بويىچە ئىزدەش
تېما بويىچە
ھايۋانلار368ئائىلە265تىل ۋە سۆز184ياخشىلىق ۋە يامانلىق165بايلىق ۋە نامراتلىق164مېھماندوستلۇق ۋە داستىخان120ئەمگەك ۋە ھۈنەر116ھايات ۋە ئۆلۈم115بىلىم ۋە ئەقىل100دوست ۋە دۈشمەن85راستچىللىق ۋە ئادالەت75جاسارەت59ياشلىق ۋە قېرىلىق52قانائەت ۋە ئاچكۆزلۈك51ۋەتەن ۋە ئەل37سالامەتلىك26ئۇيات ۋە ئابروي26سەۋر-تاقەت14ئىتتىپاقلىق ۋە مەسلىھەت12كەمتەرلىك ۋە غۇرۇر5
ھايۋانلار
368 ماقال
- 61ئانا قۇشقاچ پاتقان كامارغا بالا قۇشقاچ پاتماپتۇ.
- 62ئاچ ئىتقا بەرسەڭ، توق ئىت خىرقىرار.
- 63ئاچ ئېيىق ئوينىماس.
- 64ئاچ بۆرە ئالدىدا قوي ھامان گۇناھكار.
- 65ئاچ قالمىغۇچە ئاشنىڭ قەدرىنى بىلمەس، پىيادە يۈرمىگۈچە ئاتنىڭ قەدرىنى.
- 66ئوت كۆرۈنگەن يەرگە بارما، ئىت ھاۋشىغان يەرگە بار.
- 67ئون ئىتقا يېگۈزگەندىن، بىر بۆرىگە يېگۈزگەن خوپ.
- 68ئويلىمىغان يەردىن، تۇغۇلمىغان توشقان چىقىپتۇ.
- 69ئىت ئىتلىقىنى قىلمىسا كۆڭلى تىنماس.
- 70ئىت ئىتنى بۇيرۇسا، ئىت قۇيرۇقىنى بۇيرۇپتۇ.
- 71ئىت ئىگسى بىلەن كۈچلۈك.
- 72ئىت ئىگىسىنى چىشلىمەس.
- 73ئىت ئېتەكتىن ئالار، خوتۇن ياقىدىن.
- 74ئىت بىلەن ئاغىنە بولساڭ، قولۇڭدىن تاياق چۈشمىسۇن.
- 75ئىت بىلەن سايە تالىشىپتۇ، مۈشۈك بىلەن تۆر.
- 76ئىت بىلەن يولداش بولساڭ، قولۇڭدىن تاياق چۈشمىسۇن.
- 77ئىت تويغان يېرىدە ئۇخلار، قۇش قونغان يېرىدە.
- 78ئىت سۆڭەك يېسە، كۆتى بىلەن كېڭىشەر.
- 79ئىت سەمرىسە ئىگىسىنى چىشلەر.
- 80ئىت قاۋىغان يەردە ئادەم بار.
- 81ئىت قىلغاننى ئىت ئىگىسى قىلمايدۇ.
- 82ئىت مۈشۈكنى بۇيرۇسا، مۈشۈك قۇيرۇقىنى بۇيرۇپتۇ.
- 83ئىت ياغسىز سۆڭەك غاجىماس.
- 84ئىت يېنىدا سۆڭەك ياتماس.
- 85ئىت يەپتۇ چورۇقنى، ئۆزى يۈرۈپتۇ چورۇقسز.
- 86ئىت گادايدىن قورقىدۇ، گاداي ئىتتىن.
- 87ئىت ھۈرەر، كارۋان يۈرەر.
- 88ئىت-ۋاپا، خوتۇن -جاپا.
- 89ئىتتىرپ بەرگەننى ئىت يېمەس.
- 90ئىتتىن ئاشقاننى پىت يېمەس.
- 91ئىتتىن سۆڭەككە قەرزدار، چاشقاندىن كېپەككە.
- 92ئىتتىن قورققان گاداي ئەمەس.
- 93ئىتقا ئۇيات كىرسە، ئۇلتاڭ يېمەس.
- 94ئىتقا گۆش بەرسەڭ توپىغا مىلەپ بەر.
- 95ئىتنى ئەركىلەتسەڭ ئاغزىڭنى يالايدۇ.
- 96ئىتنى سۆڭەك بىلەن ئۇرساڭ ھاۋشىماس.
- 97ئىتنى قاۋايدۇ دەپ ئاغزىنى كەسكىلى بولماس.
- 98ئىتنىڭ ئاغزى تەگكەنگە، دەريا سۈيى بۇلغانماس.
- 99ئىتنىڭ ساددىلىقىدىن تۈلكە تۆرىگە چىقىۋاپتۇ.
- 100ئىتنىڭ قارغىشىغا پىت ئۆلمەس.
- 101ئىتنىڭ كاساپىتى ئىتقا تېگەر، ھۇرۇننىڭ كاساپىتى ئىشچانغا.
- 102ئىتنىڭ كۆڭلى سۆڭەكتە.
- 103ئىش ئىگسى بىلەن، قۇش مېڭىسى بىلەن.
- 104ئىشقى يوق ئېشەك، دەردى يوق كېسەك.
- 105ئىشى يوق ئىت سۇغىرار.
- 106ئىككى ئات تېپىشسە، ئارىدا قالغان ئېشەك ئۆلەر.
- 107ئىككى قاغا پوق تالاشسا، ئوۋچىغا پايدا.
- 108ئىچ ئات تارتسا يانداق تارتماس، ئايغىر تارتسا بايتال تارتماس.
- 109ئىچى تارنىڭ كۆڭلى تىنماس، ئېشەك مىنگەننىڭ پۇتى.
- 110ئۆردەككە سۇ يۇقماس.
- 111ئۆردەكنىڭ گۆشىنى يېسەڭ، غازنىڭ پېيىدا بول.
- 112ئۆزڭنى ئەر چاغلىساڭ، باشقىنى شىر چاغلا.
- 113ئۆزۈڭ يېمىسەڭ غېمىڭنى، قاغا چوقۇر تېنىڭنى.
- 114ئۆكۈر بىلەن باراۋەر بولىمەن دەپ، پاقا يېرىلىپ كېتىپتۇ.
- 115ئۆلەر ئىت پالتىدىن قوقماس.
- 116ئۆلەرمەن ئېشەك يېتىپ تېپەر.
- 117ئۆيدىن ئۆيگە كۆچسەڭ، ئوغلاقلىق ئۆچكىگە زىيان.
- 118ئۆينىڭ چوڭى بولمىسا، ئۆچكىنىڭ ئېتى ئابدۇراخمان.
- 119ئۆيگە ئوغرى كىرگەندە، ئىتنىڭ تەرىتى قىستاپتۇ.
- 120ئۆچكە تاغدا پۇل، ئۈزۈم باغدا.