ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىللىرى

2,501 ماقال · ئېلىپبە، تېما ۋە مەنا بويىچە ئىزدەش

تاسادىپىي
بۈگۈنكى ماقالقولۇڭدىن كەلسە، ئەلدىن ئايىما.

تېما بويىچە

«ق» ھەرپى

248 ماقال

  1. 61قايناق سۇ ئىچ، كۆڭلۈڭ تىنچ.
  2. 62قاپاق سۇنسا قايغۇ يوق، قېرى ئۆلسە يىغا يوق.
  3. 63قاپاق پۇل ئەمەس، باراڭ پۇل.
  4. 64قاپاقتا نېمە بولسا، تېشىغا شۇ تەپچەر.
  5. 65قاپاقنى پۇلغا ئالماي، باراڭنى پۇلغا ئاپتۇ.
  6. 66قاپمۇ تەڭ، قاپچۇقمۇ تەڭ.
  7. 67قاپىقى جۇت قىچقىرىدۇ، كالپۇكى يەرنى سۈپۈرىدۇ.
  8. 68قاچقۇنغا شەپقەت يوق، ئازغانغا ھۆرمەت.
  9. 69قاۋىغان ئىتتىن قورقما، ئەركىلىگەن ئىتتىن قورق.
  10. 70قاۋىمىغان ئىتقا تاش ئاتما.
  11. 71قوتانغا بۆرە كىرسە، ئىتنىڭ تەرىتى قىستاپتۇ.
  12. 72قوتۇر كالىغا مۈڭگۈز ياراشماس.
  13. 73قورساق ئاغرىقىڭ بولمىسا، تاۋۇز يېيىشىتىن قورقما.
  14. 74قورساق توق، كۆڭۈل شوخ.
  15. 75قورساق دېگەن شىرە، يېسە-يېسە كىرە.
  16. 76قورساق گول، ئېغىز تېگىشلىك بولمىغانزادە.
  17. 77قورساقنىڭ ئاچقىنى، ئەقىلنىڭ قاچقىنى.
  18. 78قورساقنىڭ مەيلىچە بولسا،ئابرۇيۇڭنى قوشۇپ بەر.
  19. 79قورسىقى ئاچنىڭ كۆزى ئاشتا، قورسىقى توقنىڭ كۆزى ئۈستىۋاشتا.
  20. 80قورققان ئاۋۋال مۇشت كۆتۈرەر.
  21. 81قورققان ئىت ئارقىسىغا قاراپ خىرقىرار.
  22. 82قورققان مۈشۈككە چاشقان ئۇۋىسى ساراي كۆرۈنۈپتۇ.
  23. 83قورققانغا قوش كۆرۈنەر، كۆلەڭگىسى بەش كۆرۈنەر.
  24. 84قورققاننى ئەجەل قوغلار.
  25. 85قورقۇنچاق ئۆلمەي تۇرۇپ، مىڭ قېتىم ئۆلەر.
  26. 86قورقۇنچاق ھەسەتخور بولار، نامەرد قەسەمخور بولار.
  27. 87قورقۇنچاقتا نومۇس يوق.
  28. 88قورقۇنچاقنىڭ تۇمىقى بولغۇچە، باتۇرنىڭ چومىقى بول.
  29. 89قوشتىن چىقىرىپ سۆرەمگە ساپتۇ.
  30. 90قوشماق تەس، ئايرىلماق ئاسان.
  31. 91قوشنا بولساڭ يۆلەك بول، بولمىسا بۆلەك.
  32. 92قوشناڭ ساڭا باقمىسا، سەن قوشناڭغا باق.
  33. 93قوشناڭ كەلسە ئاشقا، چىرايىڭ بولمىسۇن باشقا.
  34. 94قوشناڭ يىغلىغاندا، سەن كۈلمە.
  35. 95قوشۇق بولۇپ يالىشىپتۇ، ئىت بولۇپ تالىشىپتۇ.
  36. 96قوغۇن پىشسا ساپىقىدا تۇرماس.
  37. 97قوغۇننىڭ ئوبدىنى ئۇزۇن پىلەكتە، چىشنىڭ ئوبدىنى تۆۋەن ئىڭەكتە.
  38. 98قول ئىچىگە ئېگىلەر.
  39. 99قول تەگمىگەن شاپتۇل ئاچچىق.
  40. 100قول سۇنسا يەڭ ئىچىدە، باش يېرىلسا يەڭ ئىچىدە.
  41. 101قول قولنى تونۇيدۇ، شەرىئەت يولنى.
  42. 102قول قولنى يۇسا، قول كېلىپ يۈزنى يۇيار.
  43. 103قول يارىسى كېتەر، تىل يارىسى كەتمەس.
  44. 104قول يەتمىگەن ئۈزۈم ئاچچىق.
  45. 105قول يەتمىگەن شاپتۇل ئاچچىق.
  46. 106قولنى كەسمىگۈچە قان چىقماس.
  47. 107قولنى چىشلىىسە ئاچچىق، قوڭنى چىشلىسە سېسىق.
  48. 108قولى ئوچۇقنىڭ يولى ئوچۇق.
  49. 109قولى بىلەن ئېلىپ، پۇتى بىلەن بېرىپتۇ.
  50. 110قولى سۇنۇقنىڭ دەردىنى، قولى سۇنۇق بىلىدۇ.
  51. 111قولى قاشاڭ موللىدىن، ئايىغى ئىلدام بالا ئەلا.
  52. 112قولى قىسقىنىڭ يولى قىسقا.
  53. 113قولى گۈل ئېتىدۇ غىزا، قولى گاس تارتىدۇ ئىزا.
  54. 114قولۇم ئوچۇق، يۈزۈم ئاق.
  55. 115قولۇمدىن كەلگىنى كۆڭلۈمگە ياقماس، كۆڭلۈمگە ياققىنى قولۇمدىن كەلمەس.
  56. 116قولۇڭ ماي بولسا، قونچۇڭغا سۇۋا.
  57. 117قولۇڭ ياغ بولسا، يېنىڭغا سۈركە.
  58. 118قولۇڭدىن كەلسە ياغ چاينا.
  59. 119قولۇڭدىن كەلسە، ئەلدىن ئايىما.
  60. 120قومۇش ئۆيۈم كۈمۈش ئۆيۈم.
«ق» ھەرپى بىلەن باشلانغان ماقال-تەمسىللەر | ئۇيغۇر ھېكمەتلىرى