ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىلى

ئۆچ كۆرسەڭ ئۆچەكىشىدۇ، تار يەردە تىرەجىشىدۇ.

Latin · ULY
Öch körseng öchekishidu, tar yerde tirejishidu.
Кирил · USY
Өч көрсәң өчәкишиду, тар йәрдә тирәҗишиду.

مۇناسىۋەتلىك ماقاللار

  1. 1تار يەردە ئاش يېگۈچە، كەڭ يەردە مۇش يە.
  2. 2داننى بۇ يەردىن يەپ، باشقا يەردە تۇخۇملاپتۇ.
  3. 3خوتۇنغ ئامراق بالىغا ئۆچ، قايماققا ئامراق كالىغا ئۆچ.
  4. 4يېمەس يەردە ئوت بار، ئىچمەس يەردە سۇ.
  5. 5راستنى كۆرسە يالغان قاچىدۇ، يولۋاسنى كۆرسە تايغان.
  6. 6پايدىنى كۆرسە بۈرگىدەك چاققان، زىياننى كۆرسە كىرپىدەك ياتقان.
  7. 7ئاتقان يەردە ئوق قالىدۇ، چىچقان يەردە پوق.
  8. 8ئىگىسىنى ياخشى كۆرسەڭ، ئىتىغا سۆڭەك تاشلا.

مەنبە: ئۇيغۇر قامۇسى — ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىللىرى · خاتالىق ياكى باشقا ۋارىيانتىنى ئەۋەتىش