ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىللىرى
2,501 ماقال · ئېلىپبە، تېما ۋە مەنا بويىچە ئىزدەش
تېما بويىچە
ھايۋانلار368ئائىلە265تىل ۋە سۆز184ياخشىلىق ۋە يامانلىق165بايلىق ۋە نامراتلىق164مېھماندوستلۇق ۋە داستىخان120ئەمگەك ۋە ھۈنەر116ھايات ۋە ئۆلۈم115بىلىم ۋە ئەقىل100دوست ۋە دۈشمەن85راستچىللىق ۋە ئادالەت75جاسارەت59ياشلىق ۋە قېرىلىق52قانائەت ۋە ئاچكۆزلۈك51ۋەتەن ۋە ئەل37سالامەتلىك26ئۇيات ۋە ئابروي26سەۋر-تاقەت14ئىتتىپاقلىق ۋە مەسلىھەت12كەمتەرلىك ۋە غۇرۇر5
ھايۋانلار
368 ماقال
- 241قاشاڭ ئات مىنگۈچە، پىيادە ماڭ ئۆلگۈچە.
- 242قاشاڭ ئۆردەك بالدۇر ئۇچىدۇ.
- 243قاغا قاغىنىڭ كۆزىنى چوقۇماس.
- 244قاغا كەكلىكنىڭ مېڭىشىنى دورايمەن دەپ، ئۆز مېڭىشىنى ئۇنتۇپ قاپتۇ.
- 245قالماق ئېتى بوغۇز يېمەس، بوغۇز يېسە توۋار تېسەر.
- 246قاۋىغان ئىتتىن قورقما، ئەركىلىگەن ئىتتىن قورق.
- 247قاۋىمىغان ئىتقا تاش ئاتما.
- 248قوتانغا بۆرە كىرسە، ئىتنىڭ تەرىتى قىستاپتۇ.
- 249قورققان ئىت ئارقىسىغا قاراپ خىرقىرار.
- 250قورققان مۈشۈككە چاشقان ئۇۋىسى ساراي كۆرۈنۈپتۇ.
- 251قوشۇق بولۇپ يالىشىپتۇ، ئىت بولۇپ تالىشىپتۇ.
- 252قوغۇننىڭ ئوبدىنى ئۇزۇن پىلەكتە، چىشنىڭ ئوبدىنى تۆۋەن ئىڭەكتە.
- 253قوي بولۇپ مىڭ يىل ياشىغاندىن، يولۋاس بولۇپ بىر كۈن ياشا.
- 254قىرىق يىلدا بىر ئېشەك ئويونى.
- 255قىزدىن ئاتۇق جۇۋان بار، ئاتتىن ئارتۇق غۇنان بار.
- 256قىزلىق ئۆيگە قىرىق ئات باغلىنار.
- 257قىلدەك ھوقۇقنىڭ پىلدەك كۈچى بار.
- 258قىيىنچىلىق قورقۇنچاقنىڭ يۈكى، باتۇر ئۈچۈن توخۇ تۈكى.
- 259قۇرۇق سۆڭەكنى ئىت غاجىماس.
- 260قۇرۇق گەپكە مۈشۈك ئاپتاپقا چىقماس.
- 261قۇش ئاسماندا ئۇچسا، سايىسى يەرگە چۈشەر.
- 262قۇش ئۇچۇپ ھارغاندا ئۇۋىسىنى تاپار.
- 263قۇش تىلىنى قۇش بىلىدۇ.
- 264قۇش قانىتى بىلەن ئۇچىدۇ، پۇتى بىلەن قونىدۇ.
- 265قۇش قېرىپ تورغا چۈشمەس، ئەر قېرىپ قولغا.
- 266قۇشقاچ بولسىمۇ قاسساپ سويسۇن.
- 267قۇشقاچ قاغىنىڭ مېڭىشىنى دورايمەن دەپ چاتىرقى كېرىلىپ كېتىپتۇ.
- 268قۇشقاچ كىچىپ بولسىمۇ، ھەممە ئەزاسى تولۇق.
- 269قۇشقاچ گۆشىمۇ گۆش.
- 270قۇشقاچتىن قورققان تېرىق تېرىماس.
- 271قۇشقاچلار قىلىدۇ چىرىك-چىرىك،ئادەملەر قىلىدۇ تىرىكچىلىك.
- 272قۇشنى دان ئالدايدۇ، ئادەمنى سۆز.
- 273قۇشنى يەم ئالدايدۇ، ئادەمنى گەپ.
- 274قۇۋ تۈلكە تۇمشۇقىدىن ئىلىنار. « تادان تۈلكە تۇمشۇقىدىن ئىلىنار.» قۇيرۇقىنى كۆتۈرگەن كالا، تېزەكلىمەي قالماس.
- 275قېرى ئات ئوقۇر بۇزماس.
- 276قېرى قۇشقاچ كېپەككە ئالدانماس.
- 277قېرى كالا پىچاقتىن قورۇقماس.
- 278قېرىغاندا ئات تېزىكى ئالتۇن كۆرۈنەر.
- 279كالا ئۆلسىمۇ، كۆزىنىڭ ئالىسى ئۆلمەس.
- 280كالاڭ ھارۋا يول بۇزار، يامان ئادەم يۇرت بۇزار.
- 281كونا ئۇستىخاننى ئىت غاجىماس.
- 282كىشىنىڭ ئېتى ئات ئەمەس، ئىككى پۇتۇم يات ئەمەس.
- 283كىشىنىڭ قولى بىلەن يىلان تۇت.
- 284كۆيگەن جۇۋانغا ئات تېزىكى ئاي كۆرۈنەر.
- 285كۆپ سۆز ئېشەككە يۈك.
- 286كۆپتىن توشقان قېچىپ قۇتۇلماس.
- 287كۆڭۈل ئويغا تويمايدۇ، بۆرە قويغا تويمايدۇ.
- 288كۈلگەك قىزغا يىگىت ئەگىشەر، چىچقاق بالىغا ئىت.
- 289كۈندۈزى ماڭغان يىلاننىڭ ئۆمرى قىسقا، كېچىسى ماڭغان ئەرنىڭ.
- 290كېيىك ئوۋلاپ تاغقا چىق، يارنى ئىزدەپ باغقا.
- 291كەكلىك باغقا كۆنمەس، بۇلبۇل تاغقا.
- 292كەلكۈن سۇ- يىرىتقۇچ ھايۋان.
- 293كەمبەغەل تۆگە مىنسىمۇ ئىت چىشلەر.
- 294كەمبەغەلنىڭ مۈشۈكى چاشقان تۇتسا، باينىڭ مۈشۈكى توشقان تۇتار.
- 295كەپە بولسىمۇ ئۆيۈڭ ياخشى، ئېيىق بولسىمۇ ئېرىڭ.
- 296لاچىن قاراپ تاپىدۇ، تۈلكە ماراپ، بۆرە پۇراپ.
- 297موماي باققان بالا، تامدىن سەكرىگەن كالا.
- 298مىلتىقسىز يۈرگەندە كېيىك ئۇچراپتۇ.
- 299مىڭلىققا بۆرە تەگسە، بىرلىككە پىچاق ئېلىپ يۈگۈرەر.
- 300مۇساپىر ئىتنىڭ قۇيرۇقى ئىچكىرى.