ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىللىرى

2,501 ماقال · ئېلىپبە، تېما ۋە مەنا بويىچە ئىزدەش

تاسادىپىي
بۈگۈنكى ماقالقولۇڭدىن كەلسە، ئەلدىن ئايىما.

تېما بويىچە

ھايات ۋە ئۆلۈم

115 ماقال

  1. 61تىرىك ئىززەتكە تويماس، ئۆلۈك دۇئاغا.
  2. 62تىرىك بولساق بىر يەردە بىز، ئۆلۈك بولساق گۆردە بىز.
  3. 63تىرىك بولۇپ ساندا يوق، ئۆلۈك بولۇپ گۆردە.
  4. 64تىرىككە ئۆي تېپىلار، ئۆلۈككە گۆر.
  5. 65تىرىككەك ئاسان قېرىيدۇ.
  6. 66تىز پۈكۈپ ياشىغۇچە، تىك تۇرۇپ ئۆلگەن ياخشى.
  7. 67تۆھمەتخور ئاخىر تۆھمەت بىلەن ئۆلەر.
  8. 68تەدبىرىڭ قانداق بولسا، تەقدىرىڭ شۇنداق بولار.
  9. 69تەلەيلىكنىڭ خوتۇنى ئۆلەر، تەلەيسىزنىڭ ئۆيى كۆيەر.
  10. 70جەڭدە ئۆلسە بىر كىشى، ئىز باسىدۇ مىڭ كىشى.
  11. 71دوك گۆرگە كىرگەندە تۈزىلەر.
  12. 72دۇنيادا ئىككى ئۆلۈم يوق، بىرىدىن قۇتۇلغان ھېچكىم يوق.
  13. 73دۈشمەنگە ئۆلۈم تىلىگۈچە، ئۆزۈڭگە ئۆمۈر تىلە.
  14. 74دەسلەپكى بىلەن ئۆي تۇتمىساڭ، ئۆلگۈچە پوشايمان.
  15. 75سۇسىز ھايات بولماس، ئەمگەكسىز راھەت.
  16. 76قارغا ئۆلۈك كۆمگىلى بولماس.
  17. 77قارنى يامان ھېيىتتا ئۆلەر.
  18. 78قارىغۇ مۈشۈككە ئۆلۈك چاشقان ئۇچراپتۇ.
  19. 79قازا ئىككى، ئۆلۈم بىر.
  20. 80قاشاڭ ئات مىنگۈچە، پىيادە ماڭ ئۆلگۈچە.
  21. 81قاپاق سۇنسا قايغۇ يوق، قېرى ئۆلسە يىغا يوق.
  22. 82قورقۇنچاق ئۆلمەي تۇرۇپ، مىڭ قېتىم ئۆلەر.
  23. 83قۇرۇق دۇئاغا پىتمۇ ئۆلمەپتۇ.
  24. 84قۇشقاچلار قىلىدۇ چىرىك-چىرىك،ئادەملەر قىلىدۇ تىرىكچىلىك.
  25. 85قېرىلىق بىلەن ئۆلمەس، ياشلىق بىلەن تۇرماس.
  26. 86قېرىنى قاپتا ساقلا، ئۆلۈكنى ھەپتە ساقلا.
  27. 87كالا ئۆلسىمۇ، كۆزىنىڭ ئالىسى ئۆلمەس.
  28. 88كۈزدە توي تولا، ئەتىيازدا ئۆلۈم.
  29. 89كۈلكىسى يوق توي بولماس، يىغىسى يوق ئۆلۈم.
  30. 90كۈلكە ئۆمۈرنى ئۇزارتىدۇ، يىغا قىسقارتىدۇ.
  31. 91مىڭ ئۆلۈكتىن بىر تىرىك ئەلا.
  32. 92مۇھەببەت ئۆلۈمنى يېڭەر.
  33. 93مەنسەپ گۆرگە يېقىن، مەرىپەت گۈلگە.
  34. 94نان تۇرۇپ قالسا سۇغا يۈگۈر، سۇ تۇرۇپ قالسا گۆرگە.
  35. 95نىكاھ- ئۆمۈر سودىسى.
  36. 96يا ئۆلۈم، يا كۆرۈم.
  37. 97يات يېگۈچە، تۇغقان ئۆلگۈچە.
  38. 98ياخشى ئىت ئۆلۈكنى كۆرسەتمەس.
  39. 99ياخشىغا كۈن يوق، يامانغا ئۆلۈم.
  40. 100ياخشىنىڭ ئايىغىدا قۇرت ئۆلمەس.
  41. 101ياخشىنىڭ قەدرى ئۆلگەندە بىلىنەر، يۇرتنىڭ قەدرى كۆچكەندە.
  42. 102يالغانچى ئۆلۈكنىمۇ گۇۋاھلىققا تارتار.
  43. 103يامان خوتۇن ئالغۇچە، بويتاق يۈرگىن ئۆلگۈچە.
  44. 104يامانغا گۆردىمۇ قوشنا بولما.
  45. 105يامانلىق بىردەملىك، ياخشىلىق ئۆلگۈچىلىك.
  46. 106يول ئازابى-گۆر ئازابى.
  47. 107يىلان-چايان ئىزدىسەڭ، قازىنىڭ گۆرىنى ئاچ.
  48. 108يېمىگىنىم پوق، كۆرمىگىنىم گۆر.
  49. 109پادىچى ئىككى بولسا، ئارىدا توقلا ئۆلەر.
  50. 110چاشقاننىڭ ئۆلگۈسى كەلسە مۈشۈكنىڭ قۇيرۇقىغا ئېسىلار.
  51. 111چىش ئاغرىقى ئاغرىق ئەمەس، چىش ئاغرىقىغا ئادەم ئۆلمەس.
  52. 112گۆرنىڭ ئەنسىزلىكىدىن ئۆي ئەنسىزلىكى يامان.
  53. 113گۆرگە كىرگەن تىرىك چىقماس، ئۆيگە كىرگەن قۇرۇق چىقماس.
  54. 114ھارۋاڭ سۇنسا ئوتۇن بولار، ئېتىڭ ئۆلسە گۆش.
  55. 115ھاقارەتلىك تۇرمۇشتىن، ساداقەتلىك ئۆلۈم ياخشى.
ھايات ۋە ئۆلۈم ھەققىدە ماقال-تەمسىللەر | ئۇيغۇر ھېكمەتلىرى