ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىلى

تىز پۈكۈپ ياشىغۇچە، تىك تۇرۇپ ئۆلگەن ياخشى.

Latin · ULY
Tiz püküp yashighuche, tik turup ölgen yaxshi.
Кирил · USY
Тиз пүкүп яшиғучә, тик туруп өлгән яхши.

مۇناسىۋەتلىك ماقاللار

  1. 1ياخشىلىققا ياخشىلىق ھەر كىشىنىڭ ئىشى، يامانلىققا ياخشىلىق ئەر كىشىنىڭ ئىشى.
  2. 2تۇرمىغان مېھماننىڭ كەتكىنى ياخشى، ساقايمىغان ئاغرىقنىڭ ئۆلگىنى ياخشى.
  3. 3قەدىرسىز ياشىغىنىڭدىن، قەدىرلىك ئۆلگىنىڭ ياخشى.
  4. 4سەن ياخشى، مەن ياخشى، تونۇر قىزىق نان ياخشى.
  5. 5ياخشىنىڭ قەدرى ئۆلگەندە بىلىنەر، يۇرتنىڭ قەدرى كۆچكەندە.
  6. 6يامانلىق بىردەملىك، ياخشىلىق ئۆلگۈچىلىك.
  7. 7ئەلەڭ-سەلەڭ ئاغرىغاندىن، پۇلاڭ-سالاڭ ئۆلگەن ياخشى.
  8. 8ئەسكى چاپان يامغۇردا ياخشى، ئەسكى خوتۇن ئۆلگەندە.

مەنبە: ئۇيغۇر قامۇسى — ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىللىرى · خاتالىق ياكى باشقا ۋارىيانتىنى ئەۋەتىش