ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىللىرى

2,501 ماقال · ئېلىپبە، تېما ۋە مەنا بويىچە ئىزدەش

تاسادىپىي
بۈگۈنكى ماقالقولۇڭدىن كەلسە، ئەلدىن ئايىما.

تېما بويىچە

ھەممە ماقاللار

2,501 ماقال

  1. 2401گېپى گەپكە ئوخشىماس، ئاغزى گەپتىن بوشىماس.
  2. 2402گېپىدە تۇرمىغان ئەر ئەمەس.
  3. 2403گەپ ئېغىزدىن ئېغىزغا ئۆتكەندە پىلدەك يوغىنار.
  4. 2404گەپ قىلمىسا مۆڭ دېمە، جىم تۇرسا، دۆڭ دېمە.
  5. 2405گەپ يەردە ئەمەس، ئەردە.
  6. 2406گەپ گەپنىڭ تېگىنى ئاچىدۇ،
  7. 2407گەپتە گەپ بار، قورساقتا دەرد.
  8. 2408گەپدان بولغۇچە، ئىشچان بول.
  9. 2409گەپدانلىقنىڭ ئوتتۇز پۇتىقى بار.
  10. 2410گەپنى ئويلاپ دە، ناننى چايناپ يە.
  11. 2411گەپنى تېجىمەلدىن سورا، يولنى كارۋاندىن.
  12. 2412گەپنى قىسقا قىل، كۆسەينى ئۇزۇن.
  13. 2413گەپنىڭ ئايىغى يوق، يەرنىڭ يامىغى.
  14. 2414گەپنىڭ ئېزى ھەسەل، تولىسى بىمەسەل.
  15. 2415گەپنىڭ تېگىدە گەپ بار.
  16. 2416گەپنىڭ پىششىقى ياخشى، ئاشنىڭ پىشقىنى.
  17. 2417ھارغان ئېشەك يېتىپ ھاڭرايدۇ.
  18. 2418ھارغاندىن ھال سورا، گەپ سورىما.
  19. 2419ھارماڭ دېسە، خامان باقتىم دەپتۇ.
  20. 2420ھارماڭ دېسە، ھاپاش بوپتۇ.
  21. 2421ھارۋا بۇرۇلۇشتىن ئاۋۋال غىچىرلايدۇ.
  22. 2422ھارۋاڭ سۇنسا ئوتۇن بولار، ئېتىڭ ئۆلسە گۆش.
  23. 2423ھارۋىكەش ئاۋارىكەش.
  24. 2424ھارۋىنى ئات تارتىدۇ، سايىسىنى ئىت.
  25. 2425ھازىغا بارغان خوتۇن ئۆز يىغىسىنى يىغلار.
  26. 2426ھاقارەتلىك تۇرمۇشتىن، ساداقەتلىك ئۆلۈم ياخشى.
  27. 2427ھالغا بېقىپ ھەشەم، داپقا بېقىپ سەنەم.
  28. 2428ھالىڭغا بېقىپ ھال تارت، خالتاڭغا بېقىپ ئۇن.
  29. 2429ھالۋىنى كۆپ يېسەڭ زاڭ تېتىيدۇ.
  30. 2430ھاماقەتنى ھارماڭ دېمە، ھارغاندا ئۆزى توختايدۇ.
  31. 2431ھايان ماڭا بولسۇن، زىيان ساڭا بولسۇن.
  32. 2432ھايۋاننىڭ ئالىسى تېشىدا، ئادەمنىڭ ئالىسى ئىچىدە.
  33. 2433ھاپتىغا شىپىتى، توڭرىلىققا مەرەزدار.
  34. 2434ھاڭرىمىغان ئېشەكتىن ئالۋان ئاپتۇ.
  35. 2435ھاۋانىڭ يامىنى كېتەر، ئادەمنىڭ يامىنى كەتمەس.
  36. 2436ھاۋانىڭ گۈلدۈرى بار، يامغۇرى يوق، قېرىنىڭ جۇدۇنى بار، ماغدۇرى يوق.
  37. 2437ھودۇققان ئىت تامغا سەكرەك.
  38. 2438ھودۇققان تۈگەپ، شورى قالدى.
  39. 2439ھورۇن ئولتۇرۇپ ئۇخلايدۇ، يېتىپ ئىشلەيدۇ.
  40. 2440ھورۇن ئېشەكنىڭ يۈكى ئېغىر.
  41. 2441ھورۇن كۈندۈزى يۇلتۇز كۆرەر، ئايدىڭدا پېشانىسى كۆيەر.
  42. 2442ھورۇنغا ئېتىزنىڭ قىرى تاغ كۆرۈنەر.
  43. 2443ھورۇنغا ھويلىدىكى سۇمۇ يىراق.
  44. 2444ھورۇننى ئىشقا بۇيرىساڭ، ئاتاڭدىن ئارتۇق ئەقىل كۆرسىتەر.
  45. 2445ھورۇننىڭ ئېتىمۇ ھارغاق كېلىدۇ.
  46. 2446ھورۇننىڭ غەيرىتى ئىش تۈگىگەندە كېلەر.
  47. 2447ھورۇننىڭ ھۈنىرى ئۇيقۇ.
  48. 2448ھوسۇلۇڭ كەم بولسا ھاۋادىن كۆرمە.
  49. 2449ھوشيار بولساڭ ئاپەت كۆرمەيسەن.
  50. 2450ھويلامنىڭ تېمى يوق، دەرۋازام قۇلۇپلاقلىق.
  51. 2451ھىيلىگەردىن تۇخۇم ئالساڭ، ئىچىدىن سېرىقى چىقماس.
  52. 2452ھۆرمەت قىلساڭ ھۆرمەت كۆرىسەن.
  53. 2453ھۆپۈپنىڭ تۇمشۇقى ئۇزۇن، سېغىزخاننىڭ قۇيرۇقى.
  54. 2454ھۈنەر تۈگىمەس گۆھەر.
  55. 2455ھۈنەر-ھۈنەردىن بەرىكەت ئۈنەر. «ھۈنەر-قىلسا ئۈنەر». ھۈنىرى يوق ئەردىن مىكيان ياخشى.
  56. 2456ھۈنەر، قىلسا ئۈنەر.
  57. 2457ھۈنەرلىك ئادەم خار بولماس.
  58. 2458ھۈنەرلىك ئادەم- مېۋىلىك دەرەخ.
  59. 2459ھۈنەرلىك ئەر خار بولماس، دوست-دۈشمەنگە رازى بولماس.
  60. 2460ھۈنەرۋەن باي بولماس، قورسىقىنى ئاچ قويماس.
ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىللىرى | ئۇيغۇر ھېكمەتلىرى