ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىلى

گەپنى قىسقا قىل، كۆسەينى ئۇزۇن.

Latin · ULY
Gepni qisqa qil, köseyni uzun.
Кирил · USY
Гәпни қисқа қил, көсәйни узун.

مۇناسىۋەتلىك ماقاللار

  1. 1ئۇزۇننىڭ ئارىسىدا قىسقا بار، قىسقىنىڭ ئارىسىدا ئۇزۇن.
  2. 2ئۇزۇن گەپ ئۆزىنى ئۇرار، ئۇزۇن چاپان پۇتنى.
  3. 3خوتۇن خەقنىڭ چېچى ئۇزۇن، ئەقلى قىسقا.
  4. 4قولى قىسقىنىڭ يولى قىسقا.
  5. 5بوينى ئۇزۇندىن سورىساڭ، تۆگىدىن سورا، ساقىلى ئۇزۇندىن سورىساڭ، ئۆچكىدىن.
  6. 6تۆمۈرنى قىسقا كەس، ياغاچنى ئۇزۇن.
  7. 7ياغاچ كەسسەڭ ئۇزۇن كەس، تۆمۈر كەسسەڭ قىسقا.
  8. 8كەنجى كېۋەزنىڭ غوزىسى يوق، تولا گەپنىڭ مەززىسى.

مەنبە: ئۇيغۇر قامۇسى — ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىللىرى · خاتالىق ياكى باشقا ۋارىيانتىنى ئەۋەتىش