ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىلى

ياخشى بولسا ئۆزۈڭگە بالا، يامان بولسا بېشىڭغا.

Latin · ULY
Yaxshi bolsa özüngge bala, yaman bolsa béshinggha.
Кирил · USY
Яхши болса өзүңгә бала, яман болса бешиңға.

مۇناسىۋەتلىك ماقاللار

  1. 1ياخشىلىققا ياخشىلىق ھەر كىشىنىڭ ئىشى، يامانلىققا ياخشىلىق ئەر كىشىنىڭ ئىشى.
  2. 2كۈيئوغۇلۇڭ يامان بولسا قىزىڭدىن كۆر، كېلىنىڭ يامان بولسا ئوغلۇڭدىن.
  3. 3دوستۇڭ يامان بولسا قېچىپ قۇتۇلارسەن، خوتۇنۇڭ يامان بولسا قانداق قۇتۇلارسەن؟
  4. 4بالا بولسا شوخ بولسا، بولمىسا يوق بولسا.
  5. 5ياخشى بولساڭ دوستۇڭ كۆپ، يامان بولساڭ غەيۋەت كۆپ.
  6. 6ياخشى بىلەن دوست بولساڭ، يېتەرسەن مۇرادقا، يامان ئادەم بىلەن دوست بولساڭ، قالارسەن ئۇياتقا.
  7. 7ياخشى بولسا ئۆزىدىن كۆرىدۇ، يامان بولسا ئۆگزىدىن.
  8. 8بارلىق بولساڭ بېشىڭنى سىلايدۇ، يوقلۇق بولساڭ بېشىڭ سىغمايدۇ.

مەنبە: ئۇيغۇر قامۇسى — ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىللىرى · خاتالىق ياكى باشقا ۋارىيانتىنى ئەۋەتىش