ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىلى

ياش كېتىمەن دەپ قورقۇتار، قېرى ئۆلىمەن دەپ.

Latin · ULY
Yash kétimen dep qorqutar, qéri ölimen dep.
Кирил · USY
Яш кетимән дәп қорқутар, қери өлимән дәп.

مۇناسىۋەتلىك ماقاللار

  1. 1ياش قېرىتماس، غەم قېرىتار.
  2. 2ئادەم قېرىسىمۇ كۆڭلى قېرىماس، دەرەخ قېرىسىمۇ يىلتىزى.
  3. 3كاسىپ قېرىسا، ھۈنىرىمۇ قېرىيدۇ.
  4. 4قېرىغاندا قېرى تاتۇق، قىلىقلىرى ئاندىن ئارتۇق.
  5. 5ئەر قېرىسا كۈچىدىن قالار، خوتۇن قېرىسا ئېسىدىن.
  6. 6قاۋىغان ئىتتىن قورقما، ئەركىلىگەن ئىتتىن قورق.
  7. 7ئەر قېرىسا قويغىنىنى بىلمەس، خوتون قېرىسا تويغىنىنى .
  8. 8قارڭغۇدا قېرى خوتۇن ياش كۆرۈنەر.

مەنبە: ئۇيغۇر قامۇسى — ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىللىرى · خاتالىق ياكى باشقا ۋارىيانتىنى ئەۋەتىش