ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىلى

ياخشى بىلەن دوست بولساڭ، يېتەرسەن مۇرادقا، يامان ئادەم بىلەن دوست بولساڭ، قالارسەن ئۇياتقا.

Latin · ULY
Yaxshi bilen dost bolsang, yétersen muradqa, yaman adem bilen dost bolsang, qalarsen uyatqa.
Кирил · USY
Яхши билән дост болсаң, йетәрсән мурадқа, яман адәм билән дост болсаң, қаларсән уятқа.

مۇناسىۋەتلىك ماقاللار

  1. 1ياخشى بولساڭ دوستۇڭ كۆپ، يامان بولساڭ غەيۋەت كۆپ.
  2. 2دوستۇڭ يامان بولسا قېچىپ قۇتۇلارسەن، خوتۇنۇڭ يامان بولسا قانداق قۇتۇلارسەن؟
  3. 3ياخشى ئادەم ئامانلىشىپ كۆچەر، يامان ئادەم يامانلىىشىپ كۆچەر.
  4. 4يامان ئات ئىگىسنى يەرگە ئاتار، يامان دوست دوستىنى دۈشمەنگە ساتار.
  5. 5ياخشى بولسا ئۆزۈڭگە بالا، يامان بولسا بېشىڭغا.
  6. 6ئادەم ئادەمدىن كۆرگەن ياخشىلىقنى ئۇنتار، يامانلىقنى ئۇنتۇماس.
  7. 7ياخشىلىققا ياخشىلىق ھەر كىشىنىڭ ئىشى، يامانلىققا ياخشىلىق ئەر كىشىنىڭ ئىشى.
  8. 8كۈيئوغۇلۇڭ يامان بولسا قىزىڭدىن كۆر، كېلىنىڭ يامان بولسا ئوغلۇڭدىن.

مەنبە: ئۇيغۇر قامۇسى — ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىللىرى · خاتالىق ياكى باشقا ۋارىيانتىنى ئەۋەتىش