ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىلى

ياخشى بولساڭ دوستۇڭ كۆپ، يامان بولساڭ غەيۋەت كۆپ.

Latin · ULY
Yaxshi bolsang dostung köp, yaman bolsang gheywet köp.
Кирил · USY
Яхши болсаң достуң көп, яман болсаң ғәйвәт көп.

مۇناسىۋەتلىك ماقاللار

  1. 1ياخشى بىلەن دوست بولساڭ، يېتەرسەن مۇرادقا، يامان ئادەم بىلەن دوست بولساڭ، قالارسەن ئۇياتقا.
  2. 2دوستۇڭ يامان بولسا قېچىپ قۇتۇلارسەن، خوتۇنۇڭ يامان بولسا قانداق قۇتۇلارسەن؟
  3. 3يامان ئات ئىگىسنى يەرگە ئاتار، يامان دوست دوستىنى دۈشمەنگە ساتار.
  4. 4ياخشى بولسا ئۆزۈڭگە بالا، يامان بولسا بېشىڭغا.
  5. 5ياخشىلىققا ياخشىلىق ھەر كىشىنىڭ ئىشى، يامانلىققا ياخشىلىق ئەر كىشىنىڭ ئىشى.
  6. 6كۈيئوغۇلۇڭ يامان بولسا قىزىڭدىن كۆر، كېلىنىڭ يامان بولسا ئوغلۇڭدىن.
  7. 7ياخشى بولسا ئۆزىدىن كۆرىدۇ، يامان بولسا ئۆگزىدىن.
  8. 8دوستتىن يامانلىغان ئەقىلنىڭ يوقلۇقى، تاماقتىن يامانلىغان قورساقنىڭ توقلۇقى.

مەنبە: ئۇيغۇر قامۇسى — ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىللىرى · خاتالىق ياكى باشقا ۋارىيانتىنى ئەۋەتىش