ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىلى

ياخشى ئادەم دەپ يۈرەرسەن، ھاجىتىڭ چۈشسە بىلەرسەن.

Latin · ULY
Yaxshi adem dep yürersen, hajiting chüshse bilersen.
Кирил · USY
Яхши адәм дәп йүрәрсән, һаҗитиң чүшсә биләрсән.

مۇناسىۋەتلىك ماقاللار

  1. 1ياخشى بىلەن دوست بولساڭ، يېتەرسەن مۇرادقا، يامان ئادەم بىلەن دوست بولساڭ، قالارسەن ئۇياتقا.
  2. 2ئادەم ئادەمدىن كۆرگەن ياخشىلىقنى ئۇنتار، يامانلىقنى ئۇنتۇماس.
  3. 3ياخشىلىققا ياخشىلىق ھەر كىشىنىڭ ئىشى، يامانلىققا ياخشىلىق ئەر كىشىنىڭ ئىشى.
  4. 4ياخشى ئادەم ئامانلىشىپ كۆچەر، يامان ئادەم يامانلىىشىپ كۆچەر.
  5. 5سەن ياخشى، مەن ياخشى، تونۇر قىزىق نان ياخشى.
  6. 6ئاشنىڭ تەمى تۇز بىلەن، ئادەمنىڭ تەمى سۆز بىلەن.
  7. 7خوتۇن كىشى لاپ بىلەن يۈرەر، ئۇستىرا كاپ بىلەن.
  8. 8مال تۈرى بىلەن، ئادەم قاياشى بىلەن.

مەنبە: ئۇيغۇر قامۇسى — ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىللىرى · خاتالىق ياكى باشقا ۋارىيانتىنى ئەۋەتىش