ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىلى

ياخشى ئەر كىشى خوتۇن خارلىماس.

Latin · ULY
Yaxshi er kishi xotun xarlimas.
Кирил · USY
Яхши әр киши хотун харлимас.

مۇناسىۋەتلىك ماقاللار

  1. 1ياخشىلىققا ياخشىلىق ھەر كىشىنىڭ ئىشى، يامانلىققا ياخشىلىق ئەر كىشىنىڭ ئىشى.
  2. 2ياخشى خوتۇن ئەرنى ئەر قىلار، يامان خوتۇن ياخشى ئەرنى يەر قىلار.
  3. 3كىشىنىڭ ياخشىلىقىنى كىشىگە دە، ئۆزىگە دېمە؛ كىشىنىڭ كەمچىلىكىنى ئۆزىگە دە، كىشىگە دېمە.
  4. 4خوتۇن كىشىنىڭ تۇللۇقىدىن، ئەر كىشىنىڭ بويتاقلىقى يامان.
  5. 5ئەرنى ئەر قىلغانمۇ خوتۇن، يەر قىلغانمۇ خوتۇن.
  6. 6خوتۇن قالسا ئەر تاپار، ئەر قالسا مال.
  7. 7خوتۇن قانىتى ئەر، ئەر قانىتى ئات.
  8. 8ئىككى كىشىدىن سىر يوشۇرما زىنھار، بىرى ياخشى تىۋىپ، بىرى ياخشى يار.

مەنبە: ئۇيغۇر قامۇسى — ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىللىرى · خاتالىق ياكى باشقا ۋارىيانتىنى ئەۋەتىش