ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىللىرى

2,501 ماقال · ئېلىپبە، تېما ۋە مەنا بويىچە ئىزدەش

تاسادىپىي
بۈگۈنكى ماقالقولۇڭدىن كەلسە، ئەلدىن ئايىما.

تېما بويىچە

بايلىق ۋە نامراتلىق

164 ماقال

  1. 61بۆرە قەرزىنى تېرىسى بىلەن تۆلەر.
  2. 62بېخىل باي بولسا، ئاتىسىنى تونۇماس.
  3. 63بېخىل بايدىن سېخىي گاداي ياخشى.
  4. 64بېخىل بايدىن نان چىقماس، ئۆلۈك مالدىن قان.
  5. 65بېخىلدىن پۇل ئالماق، پېتىر ناندىن قىل ئالماق.
  6. 66تامغىلىق مال يوقالماس.
  7. 67تۇل خوتۇننىڭ چۈشىگە ئەر كىرىدۇ، باينىڭ چۈشىگە يەر.
  8. 68جان دوستۇڭ جېنىدىن كېچەر، مال دوستۇڭ مېلىدىن كەچمەس.
  9. 69جاننى پۇلغا ئالغىلى بولماس.
  10. 70خوتۇن قالسا ئەر تاپار، ئەر قالسا مال.
  11. 71دەۋا قېرىماس، ئالتۇن چىرىماس.
  12. 72دەۋا كەچەيسە پۇلۇڭنى ئالار، ئاغرىق كۈچەيسە جېنىڭنى.
  13. 73زەردار مېلىنى ماختار، گاداي بالىسىنى.
  14. 74ساقلىق- بايلىق.
  15. 75سودا-سېتىق پۇلدىن باشقىنى تونۇماس.
  16. 76سودىگەرنىڭ جېنى پۇل، خوتۇن تۇل.
  17. 77سودىگەرنىڭ يولى بىر، رىزقى باشقا.
  18. 78سۆرەلمە پايدىدىن، ئەپچىل زىيان ياخشى.
  19. 79سۆيگۈ پۇلغا سېتىلماس، كۆڭۈل پۇلغا تېپىلماس.
  20. 80سۇنىڭ پۇلى سۇغا كەتتى، قالدى قېتىقنىڭ بەش پۇلى.
  21. 81سېرىق كۆرۈنگەننىڭ ھەممىسى ئالتۇن ئەمەس.
  22. 82سەركە ھوشيار بولسا، مالغا ئاپەت كەلمەس.
  23. 83سەۋرنىڭ تۈۋى سېرىق ئالتۇن.
  24. 84شاپتۇلدا باغ ئەتمە، ئۆچكىدە مال.
  25. 85قاسساپقا پۇل بېرىپ، ناۋايغا قاراپتۇ.
  26. 86قانائەتنىڭ ئاستى ئالتۇن.
  27. 87قاپاق پۇل ئەمەس، باراڭ پۇل.
  28. 88قاپاقنى پۇلغا ئالماي، باراڭنى پۇلغا ئاپتۇ.
  29. 89قومۇش ئۆيۈم كۈمۈش ئۆيۈم.
  30. 90قىرسىز يەر ئەسكى، پۇلسىز ئەر ئەسكى.
  31. 91قىرىق يىلدا باي بىلەن كەمبەغەل تەڭشىلىدۇ.
  32. 92قىغسىز يەر-پۇلسىز ئەر.
  33. 93قېرىغاندا ئات تېزىكى ئالتۇن كۆرۈنەر.
  34. 94قەرز سوزۇلسا قالىدۇ، ئاغرىق سوزۇلسا ئالىدۇ.
  35. 95قەرزداردىن پۈتكەننى ئال، تۈگىمەندىن چىققاننى.
  36. 96قەرزدارنىڭ قەبرىسى يوق.
  37. 97قەرزنى ئېلىپ بەرمىگىنىڭنى كۆرەي، تۇغۇلۇپ ئۆلمىگنىڭنى.
  38. 98قەرزى بار كىشىنىڭ يۈرىكىدە دەزى بار.
  39. 99كان قازغان بايلىق تاپار، سۆز قازغان يامانلىق.
  40. 100كىشىدىكى پۇل چۈشىدىكى پۇل.
  41. 101كۆپ خوتۇن ئالغاننىڭ قەرزى تولا، كۆپ ئەرگە تەگكەننىڭ ئەرزى تولا.
  42. 102كەمبەغەل ئىشلەپ ھارماس، باي چىشلەپ.
  43. 103كەمبەغەل بالىسىنى ئويلايدۇ، باي مېلىنى.
  44. 104كەمبەغەل گۈل قىسسا، تىكىنى بايغا سانجىلار.
  45. 105كەمبەغەلنىڭ مۈشۈكى چاشقان تۇتسا، باينىڭ مۈشۈكى توشقان تۇتار.
  46. 106مال ئالساڭ كۆرۈپ ئال، قىز ئالساڭ بىلىپ.
  47. 107مال ئىگىسىدىن ئوغرى كۈچلۈك.
  48. 108مال ئىگىسىنى دورايدۇ.
  49. 109مال تۈرى بىلەن، ئادەم قاياشى بىلەن.
  50. 110مال سەمرىسە ياغ بولار، يەر سەمرىسە باغ.
  51. 111مالدا مال بار، ئادەمدە ئادەم.
  52. 112مالنى باقساڭ توق بولار، باقمىساڭ يوق بولار.
  53. 113مالنى تاپقان باقسۇن، ئوتۇننى چاپقان ياقسۇن.
  54. 114مالنى كېپەككە ئال، باققۇچىنى ئالتۇنغا.
  55. 115مۈشۈكنىڭ پۇلى يوق گۆشكە ئامراق، قېرىنىڭ چىشى يوق تۆشكە.
  56. 116مۈشۈكنىڭ پۇلى يوق، گۆشكە ئامراق.
  57. 117مېلى ناچار سودىگەر، مېلىنى ھەممىدىن بەك ماختايدۇ.
  58. 118مېھنەتنىڭ تېگى راھەت، ناداننىڭ تېگى گادايلىق.
  59. 119مەن بىلمەيدىغان بازار ئەمەس، پۇل بەرمىگۈچە نان بەرمەس.
  60. 120نادانلىقنىڭ ئاقىۋىتى گادايلىق.
بايلىق ۋە نامراتلىق ھەققىدە ماقال-تەمسىللەر | ئۇيغۇر ھېكمەتلىرى