ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىللىرى
2,501 ماقال · ئېلىپبە، تېما ۋە مەنا بويىچە ئىزدەش
تېما بويىچە
ھايۋانلار368ئائىلە265تىل ۋە سۆز184ياخشىلىق ۋە يامانلىق165بايلىق ۋە نامراتلىق164مېھماندوستلۇق ۋە داستىخان120ئەمگەك ۋە ھۈنەر116ھايات ۋە ئۆلۈم115بىلىم ۋە ئەقىل100دوست ۋە دۈشمەن85راستچىللىق ۋە ئادالەت75جاسارەت59ياشلىق ۋە قېرىلىق52قانائەت ۋە ئاچكۆزلۈك51ۋەتەن ۋە ئەل37سالامەتلىك26ئۇيات ۋە ئابروي26سەۋر-تاقەت14ئىتتىپاقلىق ۋە مەسلىھەت12كەمتەرلىك ۋە غۇرۇر5
«ك» ھەرپى
174 ماقال
- 121كۈنىگە بىر ئالما يېسەڭ، تىۋىپ ئىزدىمەيسەن.
- 122كۈنۈڭ ئۆتمىسە، بازار چۆگىلە.
- 123كۈيئوغۇلۇڭ يامان بولسا قىزىڭدىن كۆر، كېلىنىڭ يامان بولسا ئوغلۇڭدىن.
- 124كۈيە كەلدى، خان كەلدى.
- 125كۈچ بار تاغقا چىقار، ئەقلى بار كۆككە.
- 126كۈچ بىرلىكتە، ئىش ئۆملۈكتە.
- 127كۈچى يوقنىڭ ئاچچىقى يامان.
- 128كېتىمەن دەپ ئوتۇڭنى ئۆچۈرمە.
- 129كېرەكسىز نەرسە ئەرزان بولسىمۇ قىممەت.
- 130كېرەكلىك تاشنىڭ ئېغىىرى يوق.
- 131كېسەل ساقايغۇچى كەلسە، تېۋىپ ئۆزى كېلەر.
- 132كېسەل پاتمانلاپ كىرىپ، مىسقاللاپ چىقار.
- 133كېسەللىك ئېغىزدىن كىرەر.
- 134كېسەلنىڭ كېلىشى ئاسان، كېتىشى تەس.
- 135كېسەلگە ئېيىتقان تەسەللى دورىدىنمۇ تېز ئۈنۈم بېرەر.
- 136كېسەلگە قاراپ دورا، كاڭغا قاراپ بورا.
- 137كېكەچ سۆزلىسە، ئېغىز ئاچۇرماس.
- 138كېلىش مېھماندىن، كېتىش ساھىبخاندىن.
- 139كېلىن بولسىڭىز كېلىڭ، بولمىسىڭىز كېتىڭ.
- 140كېلىنىڭنى كەلگەندە كۆر، بۆكىنى كىيگەندە.
- 141كېمىگە چۈشتۈڭ، جاننىڭ غېمىغا چۈشتۈڭ.
- 142كېنىڭگە نېمە قىلساڭ، قىزىڭدىن شۇنى كۆرىسەن.
- 143كېيىك ئوۋلاپ تاغقا چىق، يارنى ئىزدەپ باغقا.
- 144كېيىن كەلگەن تۆرگە چىقىپتۇ.
- 145كېيىنكى پۇشايمان ئۆزۈڭگە دۈشمەن.
- 146كېپىنەك گۈلگە ئامراق، ياسانچۇق كىيىمگە.
- 147كېچىسى ئېيىتقان سۆز خوتۇننىڭ راست، كۈندۈزى ئېيىتقان سۆز ئانىنىڭ راست.
- 148كەتكەن كېلەر،كەتمىگەن كەلمەس.
- 149كەتمەن ساماندىن قورقىدۇ، ئادەم ياماندىن.
- 150كەتمەننى مەن چاپسام، يېتىپ يەيدۇ خان غوجام.
- 151كەتمەننىڭ دەردىنى قول بىلەر، لەززىتىنى تىل.
- 152كەكلىك باغقا كۆنمەس، بۇلبۇل تاغقا.
- 153كەكلىك قاغىنىڭ مېڭىشىنى دوراپ، چاترىقى يىرتىلىپ كېتىپتۇ.
- 154كەلكۈن سۇ- يىرىتقۇچ ھايۋان.
- 155كەلمىگەن تەلەيدە ئاناڭنىڭ ھەققى بارمۇ؟
- 156كەلگۈچە مېھمان ئۇيىلار، كەلگەندىن كېيىن ئۆي ئىگسى.
- 157كەم سۆز يىگىت-ساز يىگىت، مەدداھ يىگىت- ماز يىگىت.
- 158كەمبەغەل ئىشلەپ ھارماس، باي چىشلەپ.
- 159كەمبەغەل بالىسىنى ئويلايدۇ، باي مېلىنى.
- 160كەمبەغەل بولساڭ كۆچۈپ باق.
- 161كەمبەغەل تۆگە مىنسىمۇ ئىت چىشلەر.
- 162كەمبەغەل گۈل قىسسا، تىكىنى بايغا سانجىلار.
- 163كەمبەغەللىك ئەيىب ئەمەس، ھورۇنلۇق ئەيىب.
- 164كەمبەغەلنى ئىززەت قىلساڭ، چورۇقى بىلەن تۆرگە چىقار.
- 165كەمبەغەلنىڭ بىر تويغىنى، پادىشاھ بولغىنى.
- 166كەمبەغەلنىڭ مۈشۈكى چاشقان تۇتسا، باينىڭ مۈشۈكى توشقان تۇتار.
- 167كەمتەر بولساڭ ئوزارسەن، مەغرۇرلانساڭ غۇلارسەن.
- 168كەنجى كېۋەزنىڭ غوزىسى يوق، تولا گەپنىڭ مەززىسى.
- 169كەپە بولسىمۇ ئۆيۈڭ ياخشى، ئېيىق بولسىمۇ ئېرىڭ.
- 170كەچ قالغان قاراڭغۇدىن قوروقماس.
- 171كەچ قالغان قارڭغۇدىن قورقماس، ئەرگە تەرگەن دەرەڭگىدىن.
- 172كەڭ تون يىرتىلماس، كېڭەشلىك ئىش بۇزۇلماس.
- 173كەڭ كىيىم سۆرىلىپ يىرتىلار، تار كىيىم تارتىشىپ.
- 174كەڭگە كەڭ دۇنيا، تارغا تار دۇنيا.