ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىللىرى

2,501 ماقال · ئېلىپبە، تېما ۋە مەنا بويىچە ئىزدەش

تاسادىپىي
بۈگۈنكى ماقالقولۇڭدىن كەلسە، ئەلدىن ئايىما.

تېما بويىچە

ئائىلە

265 ماقال

  1. 181سۇ كېچىكىدىن ئۆتكەن ئەر ئەمەس، قان كېچىكىدىن ئۆتكەن ئەر.
  2. 182سۇس ئەردىن جۈش ئايال ياخشى.
  3. 183سەدىقە بالانى يەر، تۆۋا گۇناھنى.
  4. 184سەن بالا، مەن سالا، ئاتقا بوغۇزنى كىم سالا.
  5. 185غەيرەتلىك ئەردىن تاغ قېچىپ قۇتۇلالماس.
  6. 186قارڭغۇدا قېرى خوتۇن ياش كۆرۈنەر.
  7. 187قازاغا رىزار، بالاغا سەۋر.
  8. 188قازان ئالساڭ چېكىپ ئال، خوتۇن ئالساڭ بىلىپ.
  9. 189قولى قاشاڭ موللىدىن، ئايىغى ئىلدام بالا ئەلا.
  10. 190قىرسىز يەر ئەسكى، پۇلسىز ئەر ئەسكى.
  11. 191قىز بالا ئۆينىڭ گۈلى.
  12. 192قىز بالا ئەردە ياخشى، بولمىسا يەردە ياخشى.
  13. 193قىز تەرەپتىن خەۋەر يوق، ئوغۇل تەرەپ دۇمباق چاپتۇ.
  14. 194قىز چوڭ بولسا كۆز تولا، ئوغۇل چوڭ بولسا سۆز.
  15. 195قىز ۋاقتىم سۇلتان ۋاقتىم، خوتۇن ۋاقتىم شەيتان ۋاقتىم.
  16. 196قىزدا گۇناھ يوق، ئانىسى بۇزۇق؛ چاقتا گۇناھ يوق، تانىسى بۇزۇق.
  17. 197قىزدىن ئاتۇق جۇۋان بار، ئاتتىن ئارتۇق غۇنان بار.
  18. 198قىزلىق ئۆيگە قىرىق ئات باغلىنار.
  19. 199قىزنىڭ كۆزى ئوسمىدا،تازنىڭ كۆزى پوسمىدا.
  20. 200قىزنىڭ كۆزى قىزىلدا.
  21. 201قىزنىڭ ياخشىسى كېلىن بولغاندا بىلىنەر.
  22. 202قىزى رازى بولسا، ئاتا-ئانىسىدىن سورىما.
  23. 203قىزى يارىسا ئانىسىغا قارىما، ئېشى يارىسا قاچىسىغا.
  24. 204قىزىم ساڭا ئېيتاي، كېلىنىم سەن ئاڭلا.
  25. 205قىزىڭ ئاشىق بولسا يەرگە باق.
  26. 206قىزىڭنى ئالغۇچە قىرىڭدىن ئۆتەي، ئالغاندىن كېيىن جېنىڭدىن ئۆتەي.
  27. 207قىشنىڭ راھىتى ئوتۇن، ئەرنىڭ راھىتى خوتۇن.
  28. 208قىغسىز يەر-پۇلسىز ئەر.
  29. 209قۇش قېرىپ تورغا چۈشمەس، ئەر قېرىپ قولغا.
  30. 210قۇم يىغلىسا تاغ بولۇر، ئەر يىغىسا باغ.
  31. 211قېتىق ئىچكەندە ئاكا، دوغاپ ئىچكەندە ئۇكا.
  32. 212قېرى خوتۇن ياش بولدى، جۇۋانلارغا تەس بولدى.
  33. 213قېرى قىز ئەر تاللىماس.
  34. 214قېرىشقاننىڭ قىزىنى ئال.
  35. 215كىشىدىن ھايا كەتسە، ئورنىغا بالا كېلەر.
  36. 216كۆلنىڭ يارىشىقى تال، قىزنىڭ يارىشىقى خال.
  37. 217كۆيۈمى يوق تۇغقاندىن يات ياخشى، ئىسسقى يوق كاڭدىن كات.
  38. 218كۆپ خوتۇن ئالغان ئەسكى- تۈسكى يىغار، كۆپ ئەرگە تەگكەن يوتقان-كۆرپە.
  39. 219كۆپ خوتۇن ئالغاننىڭ قەرزى تولا، كۆپ ئەرگە تەگكەننىڭ ئەرزى تولا.
  40. 220كۆپ خوتۇن ئالغاننىڭ ياقىسى پىت، كۆپ ئەرگە تەگكەننىڭ كۆڭلىكى چىت.
  41. 221كۆپ قېرىنىڭ ئىچىدىكى بالا دانا بولار، كۆپ بالا ئىچىدىكى قېرى بالا بولار.
  42. 222كۈندۈزى ماڭغان يىلاننىڭ ئۆمرى قىسقا، كېچىسى ماڭغان ئەرنىڭ.
  43. 223كۈيئوغۇلۇڭ يامان بولسا قىزىڭدىن كۆر، كېلىنىڭ يامان بولسا ئوغلۇڭدىن.
  44. 224كېلىن بولسىڭىز كېلىڭ، بولمىسىڭىز كېتىڭ.
  45. 225كېلىنىڭنى كەلگەندە كۆر، بۆكىنى كىيگەندە.
  46. 226كېنىڭگە نېمە قىلساڭ، قىزىڭدىن شۇنى كۆرىسەن.
  47. 227كېچىسى ئېيىتقان سۆز خوتۇننىڭ راست، كۈندۈزى ئېيىتقان سۆز ئانىنىڭ راست.
  48. 228كەلمىگەن تەلەيدە ئاناڭنىڭ ھەققى بارمۇ؟
  49. 229كەچ قالغان قارڭغۇدىن قورقماس، ئەرگە تەرگەن دەرەڭگىدىن.
  50. 230ماختىغان قىز تويىدا چىچىپتۇ.
  51. 231مال ئالساڭ كۆرۈپ ئال، قىز ئالساڭ بىلىپ.
  52. 232موماي باققان بالا، تامدىن سەكرىگەن كالا.
  53. 233مېنىڭ ئېتىم بېگىلى، ئەرگە تەگدىم يېگىلى.
  54. 234مەن كۆيەرمەن بالامغا، بالام كۆيەر بالىسىغا.
  55. 235نەشپۈتنى نەۋرەڭگە قوي، شاپتۇلنى مېھمانغا.
  56. 236نەپسى بالا- جانغا بالا.
  57. 237نەپسى دېگەن بالادۇر، ئاخىر ئوتقا سالادۇر.
  58. 238يات يېگۈچە، تۇغقان ئۆلگۈچە.
  59. 239ياتنىڭ ياندىن ئۆتەر، تۇغقاننىڭ جاندىن.
  60. 240ياخشى ئەر كىشى خوتۇن خارلىماس.
ئائىلە ھەققىدە ماقال-تەمسىللەر | ئۇيغۇر ھېكمەتلىرى