ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىلى

كۈلگەننىڭ ھەممىسى دوست ئەمەس، ھومايغاننىڭ ھەممىسى دۈشمەن.

Latin · ULY
Külgenning hemmisi dost emes, homayghanning hemmisi düshmen.
Кирил · USY
Күлгәнниң һәммиси дост әмәс, һомайғанниң һәммиси дүшмән.

مۇناسىۋەتلىك ماقاللار

  1. 1پۇل دۈشمەننى دوست قىلار، دوستنى دۈشمەن.
  2. 2يامان ئات ئىگىسنى يەرگە ئاتار، يامان دوست دوستىنى دۈشمەنگە ساتار.
  3. 3دوست ئاغرىتىپ ئېيتار، دۈشمەن كۈلدۈرۈپ.
  4. 4كۆڭۈل ئاغرىتقان دوست ئەمەس، مەيدە ئاغرىتقان ئاش.
  5. 5ساختا دوست، ئاشكارا دۈشمەندىن يامان.
  6. 6دوستقا دوست كېرەك، ھېساپقا دۇرۇس كېرەك.
  7. 7ھۈنەرلىك ئەر خار بولماس، دوست-دۈشمەنگە رازى بولماس.
  8. 8دۈشمەن قەستلەر، دوست قۇتۇلدۇرار.

مەنبە: ئۇيغۇر قامۇسى — ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىللىرى · خاتالىق ياكى باشقا ۋارىيانتىنى ئەۋەتىش