ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىللىرى

2,501 ماقال · ئېلىپبە، تېما ۋە مەنا بويىچە ئىزدەش

تاسادىپىي
بۈگۈنكى ماقالقولۇڭدىن كەلسە، ئەلدىن ئايىما.

تېما بويىچە

«ي» ھەرپى

200 ماقال

  1. 61ياشلىق-يالقۇن، قېرىلىق-تۈتۈن.
  2. 62ياشلىقتا ئۆگەنگەن تاشقا مۆھۈر باسقاندەك، قېرىغاندا ئۆگەنگەن قۇمغا مۆھۈر باشقاندەك.
  3. 63ياشلىقنىڭ قەدرى قېرىغاندا ئۆتۈلەر.
  4. 64ياشنىڭ سەتى يوق، قېرىنىڭ چىرايلىقى.
  5. 65ياغ يېگەندە يات، دەرد تارتقاندا قېرىنىداش.
  6. 66ياغاچ قازاندا ئاش بىر پىشار.
  7. 67ياغاچ قۇلاققا گەپ ئۆتمەس.
  8. 68ياغاچ كەسسەڭ ئۇزۇن كەس، تۆمۈر كەسسەڭ قىسقا.
  9. 69ياغاچ پىچاققا تۆمۈر غىلاپ.
  10. 70ياغمىغان يامغۇرغا چەكمەن يېپىنما.
  11. 71ياقا ئېتەك بولدى، ئېتەك ياقا.
  12. 72يالاقچى يالاپ تويماس، غالچا غاجاپ.
  13. 73يالاڭ ئاياغ سۇدىن قورقماس.
  14. 74يالجىمىساڭ يەر يۆتكە.
  15. 75يالغان ئېيىتساڭ تۇتۇلىسەن، راست ئېيىتساڭ قۇتۇلىسەن.
  16. 76يالغان راست بولماس، راست يالغان بولماس.
  17. 77يالغانچى ئۆلۈكنىمۇ گۇۋاھلىققا تارتار.
  18. 78يالغانچى يالجىماس، ئوغرى بېيىماس.
  19. 79يالغانچىنىڭ ئەتىسى تۈگىمەس، قەسەم بىلەن ۋەدىسى تۈگىمەس.
  20. 80يالغانچىنىڭ راست سۆزىمۇ يالغان.
  21. 81يالغانچىنىڭ قۇيرۇقى بىر تۇتام.
  22. 82يالغۇز ئوتۇن يانمايدۇ. يالغۇز قويۇن ئىسسىمايدۇ.
  23. 83يالغۇز دەرەختىن قۇش تېزىپتۇ.
  24. 84يالغۇز قىر ئاشقۇچە، كۆپ داۋان ئاشار.
  25. 85يالغۇز يىگىت بەگ بولماس، يالغۇز ياغاچ ئۆي.
  26. 86يالىڭاچ سۇدىن قورقماس، كەچ قالغاندا قاراڭغۇدىن.
  27. 87يامان ئات ئىگىسنى يەرگە ئاتار، يامان دوست دوستىنى دۈشمەنگە ساتار.
  28. 88يامان ئىشنى يامان تاپار، سېسىق گۆشنى چېۋىن.
  29. 89يامان ئۆزىنى بىلمەس، ياخشىنى كۆزگە ئىلماس.
  30. 90يامان ئۇرۇقتىن ياخشى مېۋە بولماس.
  31. 91يامان بىلەن يولداش بولما، نادان بىلەن سىرداش.
  32. 92يامان جىن قورقىدۇ.
  33. 93يامان خوتۇن ئالغۇچە، بويتاق يۈرگىن ئۆلگۈچە.
  34. 94يامان قىزغا ئانىسى ئەلچى.
  35. 95يامان كۆرگەن ياغاچ مەسچىتنىڭ ئوتتۇرىسىغا تۈۋرۈك بوپتۇ.
  36. 96يامان ياماندىن قورقىدۇ، كەتمەن ساماندىن.
  37. 97يامانغا يولۇڭساڭ يالىىسى يۇقار، قازانغا يۇلۇقساڭ قارىسى.
  38. 98يامانغا گۆردىمۇ قوشنا بولما.
  39. 99يامانلىغان ئابدالنىڭ خۇرجۇنىغا زىيان.
  40. 100يامانلىق بىردەملىك، ياخشىلىق ئۆلگۈچىلىك.
  41. 101ياماننى ئېشىڭغا يولاتساڭ يولات، قېشىڭغا يولاتما.
  42. 102ياماننى كۆرمەي، ياخشىنىڭ قەدرىگە يەتمەس.
  43. 103ياماننىڭ ئوتى يامان.
  44. 104ياماننىڭ قوينىدا ياتقۇچە، ياخشىنىڭ ئايىغىدا ئۆل.
  45. 105ياماننىڭ كاساپىتى تېگەر، ياخشىنىڭ شاراپىتى.
  46. 106ياماننىڭ يامانلىقى بار، كىشى بىلمەس ھىيلىسى بار.
  47. 107ياماننىڭ گېپى يامان، ئەسكى چاپاننىڭ پىتى.
  48. 108يامغۇر قەدرىنى تاش بىلمەس.
  49. 109يامغۇر ياغدى-ياغ ياغدى، قار ياغدى نان ياغدى.
  50. 110يامغۇردىن قېچىپ مۆلدۈرگە ئۇچراپتۇ.
  51. 111يامۇلنىڭ ئىشىكى يوچۇق، كىرەلمەيسەن بۇلۇڭ بولمىغىنى ئۈچۈن.
  52. 112يان يەرنى شامال قاقىدۇ، چارايلىققا ھەركىم باقىدۇ.
  53. 113ياندىكى كاسپىنىڭ قەدرى يوق.
  54. 114ياياق كىشىگە يانچۇقمۇ ئېغىر.
  55. 115ياپسام پىشارمۇ، كۆمسەم پىشارمۇ؟
  56. 116ياۋاشنىڭ مۈڭگۈزى ئىچىدە.
  57. 117يوتقانغا بېقىپ پۇت سۇن.
  58. 118يورغا مىنگەن يولدا قاپتۇ.
  59. 119يورغا مىنگەن يولدىشىدىن ئايرىلار، كۆپ ياشىغان تەڭتۈشىدىن.
  60. 120يوق چاغدا يوغان گەپ.
«ي» ھەرپى بىلەن باشلانغان ماقال-تەمسىللەر | ئۇيغۇر ھېكمەتلىرى