ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىللىرى
2,501 ماقال · ئېلىپبە، تېما ۋە مەنا بويىچە ئىزدەش
تېما بويىچە
ھايۋانلار368ئائىلە265تىل ۋە سۆز184ياخشىلىق ۋە يامانلىق165بايلىق ۋە نامراتلىق164مېھماندوستلۇق ۋە داستىخان120ئەمگەك ۋە ھۈنەر116ھايات ۋە ئۆلۈم115بىلىم ۋە ئەقىل100دوست ۋە دۈشمەن85راستچىللىق ۋە ئادالەت75جاسارەت59ياشلىق ۋە قېرىلىق52قانائەت ۋە ئاچكۆزلۈك51ۋەتەن ۋە ئەل37سالامەتلىك26ئۇيات ۋە ئابروي26سەۋر-تاقەت14ئىتتىپاقلىق ۋە مەسلىھەت12كەمتەرلىك ۋە غۇرۇر5
«ب» ھەرپى
235 ماقال
- 181بۇغداينىڭ باھانىسىدە، قارىمۇق سۇ ئىچىپتۇ.
- 182بۇقا مۆرەيدۇ، پۇتى تىتىرەيدۇ.
- 183بۇلبۇلغا باغ ياخشى، كەكلىككە تاغ.
- 184بۈركۈت بوراندىن قورۇقماس، باتۇر ئۆلۈمدىن.
- 185بۈرگىدەك ئەيىبىم تۆگىدەك كۆرۈندى.
- 186بۈگۈن ماڭا، ئەتە ساڭا.
- 187بۈگۈنكى ئىشنى ئەتىگە قويما.
- 188بېخلىنىڭ شامى ئاقسا، كۆزىنىڭ يېشى ئاقار.
- 189بېخىل ئالغاننى ئۇنتۇيدۇ، سېخىي بەرگەننى.
- 190بېخىل باي بولسا، ئاتىسىنى تونۇماس.
- 191بېخىل بايدىن سېخىي گاداي ياخشى.
- 192بېخىل بايدىن نان چىقماس، ئۆلۈك مالدىن قان.
- 193بېخىل بىر يارماقنىڭ تۆشۈكىدىن قىرىق قېتىم ئۆتەر.
- 194بېخىل تاپسا يېپىپ يەر، سېخىي تاپسا ئېچىپ.
- 195بېخىل جېنىدىن كېچەر، مېلىدىن كەچمەس.
- 196بېخىلدىن نان سورىغىنىڭ جان سورىغىنىڭ.
- 197بېخىلدىن پۇل ئالماق، پېتىر ناندىن قىل ئالماق.
- 198بېخىلغا « نان» دېسە، « جان»دەپ ئاڭلىنار.
- 199بېخىلنىڭ ئۆلۈكىنى ئىت يېمەس، تىرىكىنى پىت.
- 200بېخىلنىڭ ئېشى پىشماس.
- 201بېخىلنىڭ بېغى كۆكەرمەس.
- 202بېخىلنىڭ تېزىكىگە بېگىز ئۆتمەس.
- 203بېخىلنىڭ قولى بىلەن يانچۇق ئارىسى قىرىق كۈنلۈك.
- 204بېرىشتە سانىقى توققۇز، ئېلىشتا سانى ئوتتۇز.
- 205بېرىپ يامان بولغۇچە، بەرمەي يامان بول.
- 206بېشى باش بولسۇن، ئايىغى تاش.
- 207بېشى يوغان بەگ بولار، پۇتى يوغان قۇل.
- 208بېشى يوقنىڭ ئېشى يوق.
- 209بېشىڭ ئىككى بولمىغۇچە، قاچاڭ ئىككى بولماس.
- 210بېشىڭ نەدىن كېتەر-تىلىڭدىن.
- 211بېشىڭنى كىم سىلىسا ماشايىقىڭ شۇ، يېنىڭدا كىم ئولتۇرسا چىرايلىقىڭ شۇ.
- 212بېلى ئاغرىمىغاننىڭ نان يېيىشىگە باق.
- 213بېلى بوشنىڭ گېپى بوش.
- 214بېلىق بېشىدىن سېسىيدۇ.
- 215بېلىق دەريادا سۇغا تەشنا.
- 216بېلىق سۇغا تارتىدۇ، توشقان سايغا.
- 217بېگىم چىقىتى يامۇلدىن، قورقۇپ كەتتىم دورغىسىدىن.
- 218بېگىڭگە يەتكۈچە، بېلىڭ ئۇشتۇلار.
- 219بەتنىيەتنىڭ يولى تار.
- 220بەخت تاقنى جۈپ قىلىدۇ، قازا جۈپنى تاق قىلىدۇ.
- 221بەختى بار تاپىدۇ، بەختى يوق چاچىدۇ.
- 222بەختىسز قىز تېزەك تەرگىلى چىقسا، كالىلار سۇغا تېزەكلەپتۇ.
- 223بەخىتسىزنىڭ بېغىغا مۆلدۈر ياغار.
- 224بەرسە قولىدىن ئالار، بەرمىسە يولدىن.
- 225بەرسەڭ يەيمەن، ئۇرساڭ ئۆلىمەن.
- 226بەرمەس قىزنىڭ تويلۇقى ئېغىر.
- 227بەرمەسنىڭ ئېشى پىشماس، ئوچاق بېشىدىن چۈشمەس.
- 228بەرمەككە بىرمۇ كۆپ، ئالماققا ئونمۇ ئاز.
- 229بەرگەن باتۇر ئەمەس، سورىغان باتۇر.
- 230بەش بارماق ئېغىزغا سىغماس.
- 231بەش بارماق تەڭ ئەمەس.
- 232بەش قول بىردەك ئەمەس.
- 233بەشىنچى ئايدا بېشىنى كۆردۈم، ئالتىنچى ئايدا ئېشىنى.
- 234بەل باغلىغان بىلەن ئەر ئەمەس، چاچ تارىغان بىلەن خوتۇن.
- 235بەگ بىلەن ئېلىشىپ بولماس، دەرەخ بىلەن چېلىشىپ.